Windows98 دا قانداق قىلىپ، قوش كۆرسىتىش كارتىسى ئىشلىتىلىدۇ؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
Windows98 دا قوش كۆرسىتىش كارتىسى ئىشلىتىشنىڭ شەرتى ناھايىتى ئاددىي. بىر كومپيۇتېرغا يەنە بىر كۆرسىتىش كارتىسى ۋە ئېكران قوشۇلۇپ سەپلەنسىلا بولىدۇ. تۆۋەندە مىسال ئېلىپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئەسلىدىكى كومپيۇتېر نورمال ئىشلەيدۇ دەپ پەرەز قىلساق، كۆرسىتىش كارتىسى كارتا، ئېكران، كېيىن قوشۇلىدىغىنى B كارتا، B ئېكران دېسەك:
1. ئېتىلگەن ھالەتتە ئاساسىي ئاپپارات ساندۇقىنى ئېچىپ، B كارتىنى ئورۇنغا قىستۇرۇپ مۇقىملاشتۇرىمىز.
2. B ئېكراننىڭ مەنبەسىنى رەسىمىنى ئۇلايمىز.
3. كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ قارىساق Bئېكراندا كۆرۈنمە يۈز كۆرۈنىدۇ. A ئېكران قارا ئېكران ھالىتىدە تۇرىدۇ. B ئېكراندا سىستېما يېڭى قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش ئەسكەرتىشى پەيدا بولىدۇ.
كۆرسەتمىگە ئاساسەن B كارتىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز. بۇ جەرياندا A ئېكران ئىزچىل قارا ئېكران ھالىتىدە تۇرىدۇ.
4. كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن B ئېكراندا نورمال Windows98 كۆرۈنمە يۈز كۆرۈنىدۇ. A ئېكراندا بولسا: بىر نەچچە قۇز ئىنگلىزچە جۈملىلەر چىقىدۇ.
5. B ئېكراننىڭ ئۈستەل يۈزىدە يۈزىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، «خاسلىق» تىكى «بەلگىلەش» تاللاش كارتىسىنى تاللاپ قارىساق، كۆزنەكتە 1 ۋە 2 دەپ نومۇر قويۇلغان ئىككى ئېكراننىڭ رەسىمىنى كۆرىمىز. سول تەرەپتىكى 1 _ نومۇرلۇق ئېكران قېنىق رەڭدە. (قېنىق رەڭ ئاساسىي ئۈستەل يۈزىدىكى ئېكراننى بىلدۈرىدۇ). ئوڭدىكى 2 _ نومۇرلۇقى سۇس كۈل رەڭلىك بولۇپ A ئېكراننى بىلدۈرىدۇ.
6. مائۇس ئارقىلىق 2 _ نومۇرلۇق ئېكران رەسىمىنى تاق چەكسەك، سىستېما دەرھال دىئالوگ رامكىسى چىقىرىپ بېرىدۇ. «شۇنداق» كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن A ئېكراندىمۇ B غا ئوخشاش ئۈستەل يۈزى ئارقا كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا «مۇقىملاشتۇرۇش» كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن كۆپ ئېكران قوللىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولىمىز.