UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرWindows98 نى قاچىلاش شەكىللىرى

Windows98 نى قاچىلاش شەكىللىرى

كومپيۇتېر بىلىملىرى ھەرقانداق كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاشتىن ئىبارەت بۇ جەريانغا دۇچ كېلىدۇ. مەلۇم بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش جەريانى ئانچە ئاددىي جەريانمۇ ئەمەس ھەم ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس. Windows98 نىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل قاچىلاش شەكلى بار: 1) تىپىك شەكىلدە قاچىلاش (典型). بۇ خىل شەكىلدە Windows98 ئۆزىنىڭ بىرىكمە دېتاللىرى بىلەن بىرگە قاچىلىنىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل قاچىلاش شەكلى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. 2) ئەپلىك شەكىلدە قاچىلاش (便携式). كۆپىنچە خاتىرە كومپيۇتېرلارغا قاچىلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. 3) ئەڭ كىچىك شەكىلدە قاچىلاش (最小). كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن شارائىتتا قوللىنىلىدۇ. 4) ئۆزى ئېنىقلىما بېرىدىغان شەكىلدە قاچىلاش (自定义). بۇ قاچىلاش جەريانىدا كېرەكلىك بولغانلىرىنى تاللاپ قاچىلاش شەكلى.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
Windows98 نى قاچىلاش شەكىللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki