ماگنىتلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ماگنىتلىق دىسكا كومپيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سىرتقى ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ، ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىشىگە چىقىرىپ بېرىش.
كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك ماگنىتلىق دىسكا ئورنىتىلغان. ماگنىتلىق دىسكىنىڭ مەشغۇلاتى ئاساسەن ئۇچۇرلارنى ماگنىتلىق دىسكىغا يېزىش ۋە ماگنىتلىق دىسكىدىن ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
ماگنىتلىق دىسكا ساقلاش ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يۇمشاق دىسكا ۋە قاتتىق دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. يۇمشاق دىسكىنىڭ ساقلاش ماتېرىيالى ئىككى تەرىپىگە ماگنىت يالىتىلغان ئېلاستىكىلىق سۇلياۋ ماتېرىيال. تەننەرخى تۆۋەن، يېنىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن 5.25 دىيۇملۇق ۋە 3.5 دىيۇملىقلىرى بار، نۆۋەتتە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقىنى 3.5 دىيۇملۇق 1.44MB سىغىمىدىكى يۇمشاق دىسكا. قاتتىق دىسكىنىڭ ساقلاش ماتېرىيالى بىر خىل ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۇمىلاق تەخسە بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ماگنىت يالىتىلغان. ساقلاش سىغىمى چوڭ، ئوقۇش، يېزىش سۈرئىت تېز. پۇختا، ئىشەنچلىك. نۆۋەتتە ئەڭ يۇقىرى سىغىمدىكى قاتتىق دىسكا 500GB.
يۇمشاق دىسكىنى يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچىدىن خالىغانچە چىقىرىۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە يۇمشاق دىسكىدىكى ئۇچۇرغا نىسبەتەن ئوقۇش _ يېزىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا يەنە يڭمغاق دىسكا قوزغاتقۇچقا سالغىلى بولىدۇ. قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن قاتتىق دىدسكا قوزغاتقۇچ بىلەن قاتتىق دىسكا بىرگە ئورنىتىلىپ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغان.$$
@@ كۆپ ۋاستە ئۈسكۈنىسى ## ئوپتىك دىسكا ۋە ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ: ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ compact diskread only memor) CD _ ROM ) نىڭ ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچلاردىن چوڭ پەرقى يوق. ئوخشىمايدىغان يېرى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا لازېر نۇرى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش _ يېزىش تېخنىكىد قوللىنىلغان بولۇپ، ئوپتىك دىسكىنىڭ سىغىمى چوڭ، سۈرئىت تېز، ئىشەنچلىك، ئۆمرى ئۇزۇن DVD, VCD, MP3, CD ... پلاستىنكىلىرىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە بولىدۇ.
ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن 1، 2، 4، 6، 16، 12، 8، 24، 32، 40، 50، 52 سۈرئەتلىك ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچلاربار. ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئوساسەن ئىچىدىن ئۇلايدىغان ۋە سىرتتىن ئۇلايدىغان تۈرلىرى بار.
ئاۋاز كارتىسى: ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاساسلىق رولى ئاۋاز ۋە رەقەملىك سىگناللارنى ئالماشتۇرۇش، ئاۋاز چىقىرىش، ئاۋاز ئېلىش، ئاۋازنى تەھرىرلەش ... قاتارلىقلار.