UyghurWiki›كومپيۇتېر›يېقىندا بىر ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ سېتىۋېلىپ كومپيۇتېرغا سەپلىگەندىن كېيىن قاتتىق دىسكىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى.
يېقىندا بىر ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ سېتىۋېلىپ كومپيۇتېرغا سەپلىگەندىن كېيىن قاتتىق دىسكىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
قاتتىق دىسكا بىلەن ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ بىر ئۇچۇر سىمىغا ئۇلانغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ATA قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشى 100MB/s. ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ (52X) نىڭ 7.3MB/s بولۇپ، قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ ۋە ئوپتىك قوزغاتقۇچنىڭ سۈرئىتى ئاستا، بىر IDE ئۇلاش ئېغىزىغا ئىككى دانە IDE ئۈسكۈنە ئۇلانغان بولسا، خالىغان بىرسى قوزغىتىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا بىلەن ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ بىر IDE ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلانغاندا سۈرئىتى ئاستا بولغان ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ قاتتىق دىسكىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوپتىك دىسكا ئويغۇچ بىلەن قاتتىق دىسكىنى ئايرىم _ ئايرىم ئۇچۇر سىمىغا ئۇلاڭ.