UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنى مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن توساتتىن ئاۋاز يوقاپ كېتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

كومپيۇتېرنى مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن توساتتىن ئاۋاز يوقاپ كېتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى (1) بۇ كونا تىپتىكى ئاۋاز كارتىسىنىڭ كۆپ ئاۋاز ئېقىمىنى قوللىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قوزغاتسا ئوڭشىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى يېڭى تىپتىكى ئاۋاز كارتىسى ئالماشتۇرۇش كېرەك. (2) قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشر نۇسخىسى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ يۇقىرىقى ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. Windows2000/NT دىكى قوزغىتىش پروگراممىسى WindowsXP دا گەرچە نورمال ئىشلىسىمۇ، بىراق بەزى ئەھۋاللاردا شاۋقۇن پەيدا بولىدۇ ياكى يۇقىرىقىدەك كاشىلا كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشر نۇسخىسى بىلەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نەشر نۇسخىسى ئوخشاش بولۇشى كېرەك ھەم ئەڭ يېڭى نەشردىكى قوزغىتىش پروگراممىسى ياكى تولۇقلىما پروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن كاشىلا يوقايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر