غول مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئادەتتە غول مۇندەرىجىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 512 ھۆججەت (ھۆججەت قىسقۇچنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قويغىلى بولىدۇ. غول مۇندەرىجىدىكى ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچ سانى ئاز بولغان ياخشى. شۇڭا غول مۇندەرىجىدىكى ئىشلىتىلمەيدىغان ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش كېرەك. ئشلىتىلمەيدىغان ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە:
(1) bak,old,000,001 ھۆججەتلەر: بۇ ھۆججەتلەر باشقا پروگراممىلارنى قاچىلاش جەريانىدا قۇرۇلغان ۋە زاپاس ساقلانغان ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.
(2) Auto exec,Config ھۆججەتلەر: Config.sys ۋە Auto exec. bat دىن باشقا ھۆججەت نامى ئوخشاش بولغان، بىراق كېڭەيتىلگەن نامى باشقا بولغان ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.
(3) ffx,ffl,ffa ھۆججەتلەر: بۇ ھۆججەتلەر office نى قاچىلاش جەريانىدا پەيدا بولغان ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۆچۈرۈۋەتكەندە سىستېمىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىرى بولمايدۇ.