UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى

كومپيۇتېر بىلىملىرى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) _ كومپيۇتېرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە توپلاشتۇرۇلغان، ئىشەنچلىك ۋە ناھايىتى مۇھىم بىر بۆلىكى. ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) دا كاشىلا كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) دا كاشىلا كۆرۈلسە، كومپيۇتېر قوزغالمايدۇ. سىستېمىدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمايدۇ. ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ، شامالچىمۇ ئايلانمايدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى تۆۋەندىكىچە: 1. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كۆيۈپ كەتكەنمۇ _ يوق؟ شامالچىنى ئورنىتىش جەريانىدا ياكى باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇزۇلغانمۇ _ يوق؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئاجرىتىپ قارىغاندا كۆيگەن ئىز ياكى شامالچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا بېسىلىپ بۇزۇلغان ئىزلىرى بار _ يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. 2. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىنىڭ ئايلىنىشى نورمالمۇ _ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسى نورمال ئايلانمىسا، سىستېما ئاسانلا قېتىۋالىدۇ ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كۆيىدۇ. 3. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى نورمال ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 4. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ چاستوتىسى ۋە توك بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك سىم ئاتلاتقۇچلار نورمال تەڭشىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى | UyghurWiki | UyghurWiki