UyghurWiki›كومپيۇتېر›مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچ شاۋقۇنىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبلىرى قايسى؟
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچ شاۋقۇنىنىڭ يۇقىرى بولۇش سەۋەبلىرى قايسى؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) شامالدۇرغۇچ ئاساسىي تاختىغا يۇقىرى ئورۇنلاشمىغان ياكى قىسقۇچنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا شامالچە ئىسسىقلىق تارقاتقۇچى پلاستىنكىغا ۋىنتا ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ۋىنتا بوشاپ قالغان.
(2) شامالچە ئوقى نورمال بولمىسا، ئايلانغان ۋاقىتتا سىلكىنىش ئېغىر بولۇپ، شاۋقۇن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شامالچە ئالماشتۇرۇڭ.
(3) شامالچە ئوقى مايسىراپ قالغان بولسىمۇ شاۋقۇن چوڭ بولىدۇ. ئوقنى مايلاپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شامالچە ئوقىنىڭ ئۈستىدىكى ماركا قەغىزىنى يىرتىپ، سىلىقلاش مېيىدىن بىر تامچە تېمىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ھەرگىز كۆپ تېمىتماڭ.
_ Intel ۋە AMD تۈرىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارنىڭ نورمال خىزمەت تېمپېراتۇرا دائىرىسى قانچىلىك؟
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ خىزمەت تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى _ تۆۋەن بولۇشى مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمەن ئېيتقاندا Intel تۈرىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لار ئانچە قىزىمايدۇ. AMD تۈرىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لار بەكرەك قىزىيدۇ. ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارنىڭ خىزمەت تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىدىن 20 _ 40 سىلتسىيە گرادۇس يۇقىرى بولسا نورمال، ئۈستەل كومپيۇتېر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ بىخەتەر تېمپېراتۇرىسى 80 سىلتسيە گرادۇستىن تۆۋەن. خاتىرە كومپيۇتېر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ بىخەتەر تېمپېراتۇرىسى 100 سىلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن.