UyghurWiki›كومپيۇتېر›كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قېتىۋالىدۇ. قانداق ھەل قىلىش چارىسى بار؟
كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قېتىۋالىدۇ. قانداق ھەل قىلىش چارىسى بار؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) BIOS پارامېترلىرى توغرا تەڭشەلمىگەن.
BIOS قا كىرىپ Load Bios Default setup تىزىملىكى ئارقىلىق BIOS پارامېترلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا قوزغىتىڭ.
2) ھەر قايسى قاتتىق دېتاللار ياخشى تېگىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى، تور كارتىلىرى.... نى ئېلىپ قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
3) قىسقا تۇتاشقان ھادىسە بولۇشى مۇمكىن، ئاساسىي تاختا ئاساسىي ماشىنا قېپى بىلەن تېگىشكەن ئورۇنلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، ئەگەر قىسقا تۇتاشقان ئەھۋال بولسا، ئېزولياتسىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە نەرسە بىلەن ئوڭشاڭ.
4) قاتتىق دىسكىدا مەسىلە بولسىمۇ، ئاسانلا يۇقىرىقىدەك كاشىلا كېلىپ چىقىدۇ، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمى، توك مەنبە سىمىنى ئۈزۈۋېتىپ، يۇمشاق دىسكا ياكى ئوپتىك دىسكا بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر نورمال قوزغالسا ئېنىقكى قاتتىق دىسكىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، قاتتىق دىسكىغا مۇناسىۋەتلىك بابتىن پايدىلىنىڭ.