UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرTV كارتىدىن بىرنى سېتىۋالغان سۈرەت سۈپىتى تېلېۋىزورنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، قانداق قىلغاندا TV كارتىسىنىڭ سۈرەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

TV كارتىدىن بىرنى سېتىۋالغان سۈرەت سۈپىتى تېلېۋىزورنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، قانداق قىلغاندا TV كارتىسىنىڭ سۈرەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) ئىچىدىن ئۇلايدىغان TV كارتا بولسا ئاسانلا ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاچقا، سۈرەت سۈپىتى تازا ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا مەخسۇس ياسالغان سىرتقى قاپ بىلەن ئوراپ ئىشلىتىڭ. ئەگەر سىرتىدىن چاتىدىغان TV كارتا بولسا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىدىن يىراق ئورۇنغا قويۇڭ. 2) شارائىت يار بەرسە دولقۇن سۈزگۈچتىن بىرنى قوشۇپ چاتسىڭىز، سۈرەت سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 3) Dscaler يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تەڭشەپ ئەلالاشتۇرسىڭىز، سۈرەت سۈپىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر