مودىم سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى، ئۈزۈلۈپ كېتىشى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) تېلېفون سىمى لىنىيىسىدىكى مەسىلە، رەقەملىك ئالاقىلىشىشىنىڭ سىم يول سۈپىتىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە تېلېفون نورمال ئىشلىگەن بىلەن سىم يول سۈپىتى ياخشى بولمىسا تورغا ئۇلانمايدۇ. ياكى ئۈزۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
2) بىر تېلېفون سىمىغا فاكس، تېلېفون .... قاتارلىق بىر نەچچە سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ئۇلانغان بولسا، ئاسانلا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلىماڭ.
3) مودىمنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار ياكى كومپيۇتېر بىلەن ياخشى ماسلاشمىغان. باشقا مودىم ئالماشتۇرۇڭ.
4) تور كېلىشىملىرى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ سۈرئەتكە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا TCP/IP كېلىشىمىنى قويۇپ، قالغانلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.