كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا Disk I /O error دېگەن ئۇچۇر چىقىپ قوزغالماسلىقى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) CMOS نىڭ تەڭشىلىشىدە خاتالىق بار. Cmos نىڭ بارلىق تەڭشەشلىرىنى بىكار قىلىۋېتىپ، قايتا قوزغىتىڭ.
(2) قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمىدا مەسىلە بار. ئۇچۇر سىمىنى قايتىدىن ئۇلاپ كۆرۈڭ ياكى ئالماشتۇرۇڭ.
ئاساسىي تاختىدىكى IDE ئۇلاش ئېغىزى ۋە قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلاش ئېغىزىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈڭ. ئېگىلىپ كەتكەن ياكى سۇنۇپ كەتكەن يىڭنىسى بارمۇ _ يوق، بار بولسا تۈزلەپ ئېھتىيات بىلەن ئۇلاڭ.
(3) ئەگەر يەنىلا ئوڭشالمىسا، قاتتىق دىسكىنى فورماتلاپ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاڭ.