UyghurWiki›كومپيۇتېر›كومپيۇتېرنى قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن قوزغاتقاندىمۇ قاتتىق دىسكا يوق، ھەتتا CMOS دىمۇ يوق.
كومپيۇتېرنى قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن قوزغاتقاندىمۇ قاتتىق دىسكا يوق، ھەتتا CMOS دىمۇ يوق.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ خىل كاشىلا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمى، ئاساسىي تاختا ۋە قاتتىق دىسكىدىكى IDE ئۇلاش ئېغىزىدا كۆرۈلگەن كاشىلا. قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆزىدە، كاشىلا كۆرۈلگەن ئېھتىمالى تۆۋەن. ئاساسىي تاختىدىكى IDE ئۇلاش ئېغىزى ۋە قاتتىق دىسكىدىكى IDE ئۇلاش ئېغىزىدىكى يىڭنىلەرنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىنى، IDE ئۇچۇر سىمىنىڭ ساق ياكى بۇرۇلغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ ھەم باشقا بىر IDE ئۇچۇر سىمىنى ئۇلاپ سىناپ كۆرۈڭ ھەم سىم ئاتلاتقۇچنى تەكشۈرۈڭ. كاشىلا يەنىلا كۆرۈلسە، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆزىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.