UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاسراش ۋە كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاسراش ۋە كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

كومپيۇتېر بىلىملىرى _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرغىلى بولامدۇ؟ ھەر قانداق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولامدۇ؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تېزلىكنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھازىرقى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارنىڭ ھەسسىلىك سانى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، سىرتقى چاستوتىسى ئارقىلىق چاستوتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھەر قانداق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. سىستېمىنىڭ تېزلىكىنى ھەر قايسى قاتتىق دېتاللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانچقا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بىلەن سىستېمىنىڭ تېزلىكىنى ماس ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ناتايىن. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن بەك قىزىيدۇ. مۇقىمسىزلىشىدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئۆمرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا كۆيۈپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەي ھەم تۆۋەنلەتمەي، نورمال چاستوتىدا ئىشلەتكەن ياخشى. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ بۇزۇلۇش ھادىسىسى. بۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن سىرتقى ۋاستوتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چاستوتىسى 100MHz بولسا، ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە خاتالىق پەيدا بولۇپ، «تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ يۈزلىنىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى مۇۋاپىق چاستوتىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.ك _ BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرگەندە 95 سىلتسىيە گرادۇس شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشى 0. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ BIOS نەشرى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ھەم شۇنداقلا شامالدۇرغۇچنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس. شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ 0 بولۇشى شامالچە ئۆلچەملىك بولمىغاچقا ئاساسىي تاختا تەكشۈرەلمىگەن ھەم شامالدۇرغۇچ توك مەنبەسى ئاساسىي تاختىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) Fan روزىتكىغا ئۇلانمىغان. بۇ مەسىلىنى ھەق قىلىش ئۈچۈن (1) BIOS نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. سۈپىتى ياخشى ئۆلچەملىك شامالدۇرغۇچ ئىشلىتىڭ. (2) شامالدۇرغۇچنىڭ توك مەنبەسىنى چوقۇم ئاساسىي تاختىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) Fan توزۋىتكىغا ئۇلاڭ. _ كومپيۇتېر 98 Windows دا نورمال ئىشلەيدۇ. 2000 Windows دا سەۋەنسىزلا قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ 2000 Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ۋە مۇقىملىقىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، يۈز بەرگەن ھادىسە. (1) ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىڭىز ئەسلىگە قايتۇرۇڭ. (2) سۈپىتى ياخشى ئۆلچەملىك شامالدۇرغۇچ ئالماشتۇرۇڭ ھەم مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) بىلەن ياخشى ماسلىشىدىغان ئاساسىي تاختىنى تاللاپ ئىشلىتىڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنىڭ ھەسسىلەش كوئېفېتنسېنتىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنمۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى ئۆزگەرمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ (1) CMOS باتارېيە توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، تەڭشىگەن پارامېترلارنى ساقلىيالمىغان. باتارېيە ئالماشتۇرۇڭ. (2) مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ھەسسىلەش چاستوتىسىغا قۇلۇپ سېلىنغان بولغاچقا، چاستوتىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئاساسىي چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندى كېيىن نورمال. بىراق 3D ئويۇنلارنى ئوينىغاندا كومپيۇتېر قېتىۋالىدۇ. 3D ئويۇنلارنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) غا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، 3D ئويۇنلارنى ئوينىغاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) بەكرەك قىزىيدۇ. شۇ سەۋەبتىن كومپيۇتېر قېتىۋالغان، ئەڭ ياخشىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەڭ. ئەگەر يۇقىرى كۆتۈرۈش چوقۇم زۆرۈر بولسا، شامالچىنى سۈپىتى ياخشى شامالچىغا ئالماشتۇرۇڭ ھەم ئىسسىقلىقنىڭ تولۇق تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. _ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر نچەە پۇتى سۇنۇپ كەتكەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ پۇتلىرى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم زىچ بولغاچقا، ئادەتتە قول بىلەن كەپشەرلەش ئىنتايىن قىيىن. كەپشەرلىمەيمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. (1) توك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ياخشى. ئاسان داتلاشمايدىغان ئىنچىكە سىم تەييارلاپ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئاندىن ئەسلىدىكى پۇتى بىلەن تەڭ قىلىپ كېسىۋالىمىز. (2) ئاۋۋال تەييارلىۋالغان سىمنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئۈزۈلگەن پۇتى چۈشىدىغان ئورۇنغا سېلىپ ئاندىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئورۇنلاشتۇرىمىز. (3) قىسقۇچنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچنى ئورۇنلاشتۇرىمىز _ دە، كومپيۇتېر نورمال ئىشلەيدۇ. ئەگەر نورمال قوزغالمىسا، قايتا سىناڭ، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. _ كومپيۇتېر ئەسلىدىن نورمال ئىدى، بىر نەچچە كۈن ئىشلەتمەي قوزغاتقاندىن كېيىن ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ خىل ئاساسلىقى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقى سەۋەبىدىن بولغان. كومپيۇتېر نورمال ئىشلىگەندە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ توك سەرپىياتى يۇقىرى ھەم بەك قىزىيدىغان بولغاچقا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) پۇتلىرى ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن ياخشى تېگىشمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. شۇڭا سىز ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى چىقىرىپ، چوتكىسى بىلەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ پۇتلىرىنى تازىلاڭ ھەم مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) روزىتكىسىدىكى چاڭ _ توزانلارنىمۇ تازىلاپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرسىڭىز، كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىدۇ. _ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، CMOS دىن تەڭشەپ قايتا قوزغاتسام نورمال، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسام CMOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسى يەنە ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ CMOS نىڭ باتارېيىسى توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىغان. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ كونا باتارېيىنى ئېلېۋېتىپ، يېڭىدىن باتارېيە سېلىڭ. ئاساسىي تاختىدا سۈپەت جەھەتتە مەسىلە بار. ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. _ Windows قوزغالغاندا fatal error دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بۇ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئېلېكتر بېسىمى نورمال دائىرىدە تەڭشەلمىسە، يۇقىرىقىدەك ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ ھەم شۇنداقلا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) قىزىپ كەتسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمىنى نورمال دائىرىدە تەڭشىگەندىن كېيىن كاشىلا ساقىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشى، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى نورمال بولمىسا، شامالدۇرغۇچ ئالماشتۇرۇڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمى بىلەن ئۆلچەپ چىققاندىن كېيىن ئېلېكتر بېسىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئەسىلىدىكى نورمال خىزمەت بېسىمى 1.7V. بىراق BIOS دىن كۆرگەندە 1.77V بولۇپ چىقىشى. بۇ ھادىسە تۆۋەندىكى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. توك مەنبەسىنىڭ توك بېسىمى، ئاساسىي تاختىنىڭ سۈپىتى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئوخشاشماسلىقى قاتارلىقلار. بۇ خىل پەرق پەقەت مەلۇم دائىرىدىلا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسەن نورمال ئەھۋال. كومپيۇتېر نورمال ئىشلىگەن بولسىلا، ئەنسىرەش ھاجەتسىز. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمى 1.75V، بىراق 1.55V قىلىپ تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى لايىھىلىگەندە ئۇنىڭ نورمال ئېلېكتر بېسىمىنى مەلۇم دائىرىدە ئىچىدە لايىھىلەيدۇ. ئېلېكتر بېسىمى مۇشۇ دائىرە ئىچىدە بولسىلا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. ئېلېكتر بېسىمى تۆۋەن بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ توك سەرپىياتى تۆۋەن بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ. كومپيۇتېر نورمال ئىشلىسىلا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمى تۆۋەن بولۇشى ياخشى ئەھۋال. _ قوش مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سەپلەنگەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارى بىر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سەپلەنگەن كومپيۇتېر ئىقتىدارىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولامدۇ؟ ئىقتىدار جەھەتتە ئىككى ھەسسە ياخشى بولۇشى ناتايىن. ئىقتىدارى تەخمىنەن 1.5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن قوش مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سەپلەنگەن كومپيۇتېرلارنىڭ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ L2cache (ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچ) بۇزۇلغاندىن كېيىن قېتىۋېلىش ھادىسىسنى تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ BIOS دىن L2cache نى بىكار قىلىۋەتسىڭىز قېتىۋېلىش سەۋەبىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. بىراق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئىقتىدارى زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. نورمال مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) دەك ياخشى ئىشلىمەيدۇ. _ BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى 120 سىلتسىيە گرادۇس كۆرۈنىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە نورمال. ئاساسىي تاختىنىڭ BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىنمۇ يۇقىرىقى ئەھۋال تەكرارلانسا ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرۇڭ. _ نورمال ئىشلەۋاتقان كومپيۇتېر توساتتىن قوزغالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ بارلىق قاتتىق دېتاللىرى نورمال، توقۇنۇشۇپ قالغان ئەھۋالمۇ يوق. ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) بىلەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسى ئوتتۇرىغا سۈركەلگەن سىلكات يېلىمى كۆپ سۈركەلگەنلىك سەۋەبىدىن ئىسسىقلىق تەسىرىدە ئېرىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) روزىتكىغا كىرىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولغان، قەغەز سىلكات يېلىمىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كومپيۇتېر نورمال ئىشلەيدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئاستىلاپ كەتتى. ئەسلىدىكى چاستوتىسىغا قايتقاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش. (1) كومپيۇتېرغا ۋىرۇس يۇققان بولۇشى مۇمكىن، ۋىرۇس تازىلاڭ. (2) مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) قىزىپ كېتىپ ئاساسىي تاختىنىڭ قوغداش ئىقتىدارى قوزغىلىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن، BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈڭ. ھەقىقەتەن يۇقىرى بولسا مۇۋاپىق شامالچە ئالماشتۇرۇڭ. (3) BIOS دا CHIPSET FEATURE SETUP دىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) Warning Temperaturu تورى خاتا تەڭشەلگەن بولۇشى مۇمكىن، قايتىدىن مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا تەڭشەڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟ ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمىگەچكە BIOS قا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارغىلىمۇ بولمايدۇ ھەم مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئاساسىي تاختىدىكى BIOS سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق BIOS ئۇچۇرلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن كېيىن قايتىدىن قوزغاتسىڭىز، كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن تىزىملاش جەدۋىلىدە خاتالىق كۆرۈلۈشى. بۇ خىل كاشىلا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ مۇقىمسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىمۇ ماس ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، چاستوتا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن شارائىتتا نورمال ئىشلىمىگەچكە، يەتكۈزگەن سانلىق مەلۇماتتا خاتالىق كۆرۈلسە يۇقىرىقىدەك ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. سۈپىتى ياخشى ئىچكى ساقلىغۇچ ئالماشتۇرۇڭ ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتۇرۇڭ. _ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قايتا قوزغىلىدۇ، يەنە قايتا قوزغالغاندىن كېيىن قوزغىلىپلا قايتا قوزغىلىدۇ ياكى قوزغالمايدۇ. كومپيۇتېرغا ۋىرۇس يۇققان بولۇشى مۇمكىن، يېڭى نەشردىكى ۋىرۇش تازىلاش يۇمشاق دېتالى بىلەن ۋىرۇس تازىلاڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇشى ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچنىڭ سوۋۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان سەۋەبتىن بولغان. سوۋۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى شامالچە ئالماشتۇرۇڭ. _ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ بىرمەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. بۇ ھادىسە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن بولغان. BIOS دىن chipset features setup تىزىملىكتىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) WARNING TEMPERATURE تورىدىن current مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) temperature دىكى قىممىتىنى℃ 53 /℉127 ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. دېمەك، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن چاستوتىسى ئاپتوماتىك تۆۋەنلەپ، كومپيۇتېر ئاستىلاپ كەتكەن. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) Warning temperature نى℉ 140 /℃ 60 گە تەڭشىسىڭىز كاشىلا يوقىلىدۇ. _ كومپيۇتېرنى مەلۇم ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسىدىن ئاۋاز چىقىپ قېتىۋالىدۇ ياكى قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسىغا كۆپ مىقداردا چاڭ _ توزان توپلىشىۋالغانلىق سەۋەبىدىن بولغان. چاڭ _ توزان سەۋەبىدىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسىدا ئاۋاز پەيدا بولغان ھەم ئايلىنىشىنىڭ نورمالسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىسسىقلىق تارقىتىش ياخشى بولمىغاچقا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) قىزىپ، كومپيۇتېر قېتىۋالغان، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسىدىكى چاڭ _ توزاننى تازىلىۋېتىڭ ياكى شامالچىنى ئالماشتۇرۇڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن كومپيۇتېر ئۆزىنى تەكشۈرەلمەي قوزغالماسلىقى. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن باش لىنىيە چاستوتىمۇ ماس ھالدا ئاپتوماتىك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم ئۈسكۈنىلەر (كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ) قاتارلىقلار نورمال ئىشلىمىگەچكە، بۇ خىل ھادىسە كېلىپ چىققان. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن يۇقشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى. ئاۋۋال يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنى باشقا كومپيۇتېردا سىناپ بېقىڭ. نورمال ئىشلىمىسە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ كاشىلىسى، نورمال ئىشلىسە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇڭ. BIOS دىن يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچقا مۇناسىۋەتلىك پارامېترلارنى نورمال تەڭشەڭ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى بەزىدە يۇقىرى، بەزىدە تۆۋەن بولۇشى. ئاساسىي تاختىدىكى تۈگمە شەكىللىك باتارېيىنىڭ توكى تۈگىگەنلىك سەۋەبىدىن باتارېيە ئالماشتۇرۇپ، BIOS نى قايتىدىن تەڭشەڭ. _ كومپيۇتېرغا يېقىندا يەنە بىر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى سەپلىگەن ئىدىم. بىراق 2000 Windows دا كېيىن سەپلىگەن ئىككىنچى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى تونۇمىدى. ئاساسىي تاختىغا ئىككىنچى، ئۈچىنچى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى سەپلىگەندە مەيلى Windows NT/2000/XP بولسۇن، چوقۇم مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتىدىن قاچىلاش كېرەك. مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارنى نورمال تونۇيدۇ ھەم نورمال ئىشلەيدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى CMOS دىن تەڭشىلەتتى، CMOS مۇ ئېچىلمىدى. 1. كومپيۇتېر قوزغىلىش بىلەن بىرگە HOMEياكى lnsert كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرسىڭىز، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تەڭشىلىدۇ. نەتىجىدە كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىدۇ. 2. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ CMOS نىڭ سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق COMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتى ئەسلىگە قايتىپ، كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىدۇ. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئېلېكتر بېسىمى يۇقىرى ياكى تۆۋەن تەڭشەلسە بولامدۇ؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئېلېكتر بېسىمى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن ئاساسىي تاختىدىكى سىم ئاتلاتقۇچ ياكى BIOS ئارقىلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ئەگەر ئېلېكتر بېسىمى تۆۋەن تەڭشەلسە، كومپيۇتېر نورمال ئىشلىمەيدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئېلېكتر بېسىمىنى يۇقىرىلىتىش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئېلېكتر بېسىمى نورمال دائىرىدە تەڭشەلسە ئەڭ ياخشى. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسى يۇقىرى بولسا ياخشى بولامدۇ؟ ناتايىن، چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى _ سىستېما باش لىنىيىسى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى، قاتتىق دىسكىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا، شۇنچە ياخشى كومپيۇتېر دېيىشكە بولمايدۇ. _ كومپيۇتېرىمدا P4 1.6GHzبار بولۇپ، كومپيۇتېر ئىشلەۋاتقاندا 1.2GHz بولۇپ قالىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ Intel شىركىتى P4 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارغا ئوخشاش تەدبىر قوللانغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) خىزمەت قىلىۋاتقاندا تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئاپتوماتىك ھالدا خىزمەت چاستوتىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. BIOS دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئەگەر تېمپېراتۇرا راستىنلا يۇقىرى بولسا ياخشى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇڭ ھەم ئىسسىقلىق تارقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىڭ. _ كومپيۇتېر قوزغالمىغاندا ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ كۆرسىتىش كارتىسى، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى ئاجرىتىپ قايتا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن نورمال قوزغىلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ئاساسلىقى ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى, ( مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) (PIII نىڭ قىستۇرۇش ئوقۇرى بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمى (金手指) ئوكسىدلىنىش سەۋەبىدىن ياخشى تۇتاشماي كومپيۇتېر قوزغىلالمىغان. ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى.( مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) (PIII نى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمىنى سۈرتۈپ ئوكسىد قەۋىتىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قايتا ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. _ نورمال ئىشلەۋاتقان كومپيۇتېر توساتتىن قوزغالماس بولۇپ قالدى. ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، توك مەنبەلىرىنى ۋە ئاساسىي تاختىسىنى ئالماشتۇرساممۇ يەنىلا ئوخشاش. توك مەنبە، كۆرسىتىش كارتىسى، ئاساسىي تاختا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ كۆرگەن بولسىڭىز مەسىلە ئېنىقكى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) دا كۆيگەن ئىز، كۆيگەن پۇراق بارمۇ _ يوق، ئەگەر بولمىسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ پۇتلىرىنى تەكشۈرۈڭ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) پۇتلىرىدا قارىدىغان ياكى كۆكەرگەن ئەھۋال بولسا، مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، چوتكا بىلەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ پۇتلىرىنى تازىلاڭ. (مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) پۇتلىرى مىستىن ياسىلىپ سىرتىغا ئالتۇن يالىتىلىدۇ. بىر قىسىم سۈپىتى ناچار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) لارغا ئالتۇن يالاتماسلىق تۈپەيلىدىن يۇقىرىقى ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ). _ كومپيۇتېرغا P4 2.4GHz لىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سەپلەنگەن بولۇپ، كومپيۇتېرىمنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرگەندە 1.2GHz لىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) دىن ئىككى دانە كۆرۈنىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟ سىزنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ڭىز ئېنىقكى P4 2.4GHz بولۇپ، سىرتقى چاستوتا 200MHz ئىكەن. سىز BIOS قا كىرىپ BIOS تىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ سىرتقى چاستوتىنى تەڭشەش تىزىملىكىدىن MHz100 لىق سىرتقى چاستوتىنى 200MHz لىق چاستوتىغا ئۆزگەرتسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ. _ كومپيۇتېر ئەسلىدىن نورمال ئىدى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسى بۇزۇلغاچقا، يېڭىدىن بىرنى ئالماشتۇرسام ئاستىلاپ كەتتى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يېڭىدىن ئالماشتۇرغان شامالچە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى تولۇق سوۋۇتالمىغان، ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى بەلگىلىگەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئاپتوماتىك ھالدا BIOS نى قوغداش ئۈچۈن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچنى ئاپتوماتىك تاقىۋېتىدۇ. نەتىجىدە كومپيۇتېر ئاستىلاپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شامالچىنى ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى شامالچىگە ئالماشتۇرۇڭ ياكى BIOS نى ئېچىپ BIOS FEATURES SETUP دىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) L1 level cache نى Disabled قىلىپ تەڭشىسىڭىز، كومپيۇتېر ئاستىلاپ كەيمەيدۇ. بىراق تاسادىپىي ھالدا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كۆيۈپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ كېلىپ چىقىدۇ. _ تەكشۈرگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ تېمپېراتۇرىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) سىرتقى تېمپېراتۇرىسىمۇ ياكى ئىچكى تېمپېراتۇرىسىمۇ؟ بىر قىسىم كونىراق ئاساسىي تاختىلارنى BIOS تەكشۈرگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ سىرتقى تېمپېراتۇرىسى. ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى سىرتقى تېمپېراتۇرىسىدىن 10 سىلتسىيە گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ. ھازىرقى يېڭىدىن ئىشلەپچىقارغان ئاساسىي تاختىلاردىكى BIOS تەكشۈرگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسىدىن ئىبارەت. _ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ قىزىشى كومپيۇتېر ئىشلەۋاتقاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ تېمپېراتۇرىسى 65 سىلتسىيە گرادۇستىن 75 سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، تۆۋەندىكى ئەھۋال بىلەن تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. 控制面板/电源管理/系统待机 تۈرىگە كىرىپ 从不 بى تاللاڭ. 从不 قىلىپ تەڭشىگەندىن كېيىن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچى توختىماستىن بىر خىل رېتىمدا ئايلىنىپ سۇۋۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ماھايىتى زىچ، نازۇك ئىشلەنگەن ئۈسكۈنە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش لازىم. 1. ئىسسىقلىق تارقىتىشى (سوۋۇتۇش): مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ماس ھالدا ئاشىدۇ. سوۋۇتۇش ياخشى بولمىسا كومپيۇتېر مۇقىم ئىشلىمەيدىغان، ھەتتا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كۆيۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈپىتى ياخشى شامالدۇرغۇچنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. 2. سىلكىنىشى: بۇ يەردە ئېيتىلغان سىلكىنىش سىرتقى سىلكىنىش بولماستىن، بەلكى شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان سىلكىنىش. شامالدۇرغۇچ مىنۇتىغا 4000 دىن 8000 غىچە ئايلىنىدىغان بولغاچقا، مۇقىم ئورنىتىلمىسا، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىشى سەۋەبىدىن رىزونانىسلىق سىلكىنىش شەكىللىنىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ DIE سى بۇزۇلىدىغان، ھەتتا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) ياخشى تېگىشمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. بېسىم: مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالدۇرغۇچى مۇقىملاشتۇرۇلغاندا بەك چىڭ بېسىۋەتمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ DIE ئاسانلا بۇزۇلىدۇ. 4. تېمپېراتۇرا: ھازىر ئاساسىي تاختىلارغا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ ئورنىتىلغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە سىگنال بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېراك ھەم سۈپىتى ياخشى ماس كېلىدىغان شامالدۇرغۇچ ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كۆيۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ نورمال خىزمەت تېمپېراتۇرىسى 50 سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، AMD تۈرىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ 90 سىلتسىيە گرادۇس بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر