UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىشى ھادىسىسى

كومپيۇتېرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىشى ھادىسىسى

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1) توك تۇراقلىق بولمىسىمۇ، يۇقىرىقى ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە كومپيۇتېر توك مەنبەسى 220V + 10% دائىرىدە نورمال ئىشلەيدۇ، ئەگەر توك بېسىمى شۇ دائىرىدىن يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسا قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ. 2) ۋىرۇس يۇققان، بىرقىسىم ۋىرۇسلار كومپيۇتېرنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈش ۋە قوزغىتىش ئىقتىدارى بار، يەنە تىزىملاش جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىڭ. 3) قىزىپ كېتىش، توك مەنبەنىڭ قىزىپ كېتىشى ۋە CPU نىڭ قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۇقىرىقى ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا توك مەنبە شامالچىسى ۋە CPU شامالچىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. شامالچىدا ھېچقانداق مەسىلە بولمىسا، توك مەنبەنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار. 4) ئەگەر توك مەنبەدىمۇ مەسىلە بولمىسا باشقا قاتتىق دېتاللارنىڭ نورمال تېگىشمەسلىكى، نەملىشىپ قېلىشى، چاڭ _ توزاننىڭ كۆپ بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ يۇقىرىقى ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كومپيۇتېرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىشى ھادىسىسى | UyghurWiki | UyghurWiki