UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرپۈركىمە پرىنتېرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

پۈركىمە پرىنتېرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

كومپيۇتېر بىلىملىرى (1) ھۆل نەرسە پرىنتېر ئىچكى قىسمىدىكى زاپچاسلارنى سۈرتمەسلىك. (2) پۈركەش بېشىنى چىقارغاندا بىر _ بىرىدىن ئايرىپ قويۇش، چاڭ _ توزان بار جايدا قويماسلىق. (3) بېسىش بېشى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلارنى، چىشلىق چاقلارنى سۈرتمەسلىك. (4) ئۇچۇچان سۇيۇقلۇقلار بىلەن پرىنتېر ئىچكى قىسمىنى سۈرتمەسلىك. (5) سىياھ قۇتۇسىنىڭ ئاغزىنى قول بىلەن تۇتماسلىق ھەم چاڭ _ توزان بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق. (6) سىياھ قۇتۇسىنى سىلكىمەسلىك. (7) سىياھ پرىنتېر ئىچىگە تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسا دەرھال توكتىن ئاجرىتىپ سۇسىز ئىسپىرت بىلەن تازىلاپ قۇرتۇڭ. (سىياھ توك ئۆتكۈزىدۇ) (8) سىياھ قۇتۇسىنى كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان چاڭ _ توزانسىز، ئون سىلتسىيە گرادۇستىن ئوتتۇز بەش سىلتسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا ساقلاڭ. (9) پرىنتېر توكقا ئۇلاقلىق شارائىتتا سىياھ قۇتۇسىنى ئالماشتۇرماڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
پۈركىمە پرىنتېرنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار | UyghurWiki | UyghurWiki