UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران قارا ھالەتتە، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران قارا ھالەتتە، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى ئاۋۋال كۆرسىتىش كارتىسىدا مەسىلە بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ، كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئاساسىي ماشىنا قېپىدىن بىر ئۇزۇن، ئىككى قىسقا ئاۋاز ئاڭلانسا ئېنىقكى كۆرسىتىش كارتىسىدىكى كاشىلىسى. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ، كۆرسىتىش كارتىسىنى ئېلىپ، چوتكا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىدىكى چاڭ _ توزانلارنى پاكىز تازىلايمىز. كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئاساسىي تاختا قىستۇرۇش ئوقۇرى تۇتۇشىدىغان قىسمىنى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچى بىلەن پاكىز تازىلاپ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر يەنە مەسىلە ھەل بولمىسا، كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدىكى مەسىلە، كۆرسىتىش كارتىسىنى باشقا بىر كومپيۇتېردا سىناپ كۆرۈڭ. باشقا بىر كۆرسىتىش كارتىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرىدا سىناپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، كۆرسىتىش كارتىسى بىلەن باشقا قاتتىق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىش سەۋەبىدىنمۇ يۇقىرىقى ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران قارا ھالەتتە، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ | UyghurWiki | UyghurWiki