ئاساسىي تاختا كاشىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
_ ئاساسىي تاختىنىڭ قىسقا تۇتىشىشى (ماسلا بولۇشى) دىن كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشى
كومپيۇتېرىمنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا شاۋقۇن چوڭ، ئاساسىي ماشىنا قېپىغا يەر سىمى ئورناتسام شاۋقۇن تۆۋەنلىدى. بىراق
كومپيۇتېر قېتىۋالدى. بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ئاساسىي ماشىنا قېپىغا يەر سىمى ئورناتقاندىن كېيىن كومپيۇتېر قېتىۋالغان بولسا ئېنىقكى ئاساسىي تاختا بىلەن
كومپيۇتېر قېپى تېگىشىپ قالغان. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، تېگىشىپ قالغان
ئورۇننى ئاجرىتىۋېتىڭ يەكى شۇ يەرگە ئوزولياتسىيىلىك رولغا ئىگە نەرسە قىستۇرسىڭىز كاشىلا تۈزۈلىدۇ.
_ پرىنتېر ئۇلاش ئېغىزى بۇزۇلغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ كومپيۇتېرنى سېتىۋالغاندىن بېرى نورمال ئىشلەۋاتقان،
يېقىندا پرىنتېر سېتىۋېلىپ چاتقاندىن كېيىن پرىنتېر نورمال ئىشلىمىدى. قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
ئېنىقكى، يانداش ئۇلاش ئېغىزى (LPT) بۇزۇلغان.
ئاساسىي تاختىنى رېمونت قىلدۇرۇڭ ياكى كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ LPT2 ئۇلاش ئېغىزىدىن بىرنى
كۆپەيتىڭ.
كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا كارتىدىكى سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق LPT1 ئۇلاش ئېغىزىدىن باشقا ئۇلاش
ئېغىزلىرىنى ئېتىۋېتىڭ ھەم CMOS دىن ئەسلىدىكى LPT1 ئېغىزلىرىنى ئېتىۋېتىڭ.
_ كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختىسى VIA ئۆزەك پلاستىنكىلىق بولۇپ، قوزغىتىش پروگراممىسى بار. ئوپتىك دىسكىدا
نۇرغۇنلىغان تولۇقلىما پروگراممىلار بار ئىكەن. بۇ تولۇقلىما پروگراممىلارنىڭ نېمە رولى بار؟ چوقۇم قاچىلاش كېرەكمۇ؟
تولۇقلىما پروگرامما بولسا زاۋۇت ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، ئىقتىدارىنى ياخشىلاش،
مۇقىملىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان پروگرامما، VIA ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى IRQ,
PCI, AGP, ACPI قاتارلىق قوزغىتىش پروگراممىسىدىن تۈزۈلگەن، VIA ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە
مۇقىملىقىمۇ INTEL ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىغا يەتمەيدۇ، شۇڭا VIA ئۆزەكلىك ئاساسىي تاختا ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرغا
چوقۇم تولۇقلىما پروگراممىسىنى قاچىلاش كېرەك.
_ Windows دا ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشى
بەزى داڭلىق ماركا بولمىغان ئاساسىي تاختىلاردا مۇشۇنداق ھادىسىلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسىي تاختا قوزغىتىغ
پروگراممىسىنى قاچىلىغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق نورمال ھالەتتە قوزغىلىپ، Windows ئۈستەل يۈزىگە
كىرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوزغىتىش پروگراممىسىنى Windows مۇھىتىدا ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بەزى
كومپيۇتېر ژۇرناللىرىدا دائىم «ئاساسىي تاختا قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىغاندا، كومپيۇتېر سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى
بولىدۇ. سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ» دېگەندەك ماقالىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە
Windows مۇھىتىدا ئۈسكۈنىلەردە توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن باشقا ئەھۋالدا ئاساسىي تاختا قوزغىتىش پروگرممىسىنى
قاچىلاش ھاجەتسىز.
_ Windows نى قاچىلىغاندا ياكى قوزغاتقاندا مائۇسنى ئىشلەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسى.
بۇ خىل مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىر قانچە سەۋەپ بار. CMOS دا خاتالىق بار. CMOS نىڭ توك مەنبە باشقۇرۇش
تۈردە بىر modemuseirq تۈرى بار. ئۇنىڭ تۈرلىرى ئايرىم _ ئايرىم ھالدا 3 4 5... دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن تۈرى 3. ئۇ 3
دىن باشقا تۈردە تەڭشەلسە كاشىلا ھەل بولىدۇ، بۇ خىلدىكى كاشىلا بىر قىسىم كونا تىپتىكى ئاساسىي تاختىلاردا كۆپ
ئۇچرايدۇ.
_ راست _ يالغان 2 _ دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچنى پەرقلەندۈرۈش: راست _ يالغان 2 _ دەرىجىلىك بوففېر
ساقلىغۇچنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولسا CMOS ئارقىلىق 2 _ دەرىجىلىك بوففېر ساقلىغۇچنى ئېچىپ
ۋە ئېتىپ، كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىدە پەرق بارمۇ _ يوقلۇقىنى سىناپ بېقىش كېرەك. ئەگەر پەرق بولسا ھەقىقىي بولىدۇ.
_ ATA/100 نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئاساسىي تاختا ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى، قاتتىق دىسكا، CMOS قاتارلىقلار ATA/100 نى
قوللىنىش كېرەك. ئەگەر سىز 80 سىملىق ATA/100 ئۇچۇر سىمى ئىشلەتكەن بولسىڭىز IDE ئۇلاش ئېغىزىنىڭ
قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىسىڭىزلا ATA/100 دىن پايدىلىنالايسىز. ATA/100 ئۇچۇر سىمىنى ئاساسىي تاختا
بىلەن ئۇلىغاندا ئاساسىي تاختىدىكى ئۇلاش ئېغىزىنىڭ رەڭگى بىلەن ئۇچۇر سىمىنىڭ رەڭگىنى ئوخشاش قىلىپ ئۇلاڭ.
_ ئاساسىي تاختىدىكى كوندېنساتور قانچە كۆپ، قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟
كوندېنساتورلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ رولى دولقۇن سۈزۈش، ھازىرقى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)
لارنىڭ قۇۋۋىتى بارغانسېرى چوڭايماقتا. شۇڭا توك مەنبەگە بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرى بولماقتا، ئاساسىي تاختىدىكى چوڭ
كوندېنساتور بولسا سىغىمى چوڭ، تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
دېمەك، كوندېنساتورلارنىڭ سۈپىتى، ئۆمرى، مۇقىملىقى قانچە ياخشى بولسا شۇنچە ياخشى.
_ 技嘉) Giga byte ) ماركىلىق ئاساسىي تاختىدا Windows شارائىتىدا ئاساسىي تاختىنىڭ BIOS نى يېڭىلاش: يۇمشاق
دېتالى BIOS@ ئارقىلىق ئاسانلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يۇمشاق دېتالنى (www.gigabyte.com.cn) تور بېتىدىن
چۈشۈرۈپ تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە BIOS نى يېڭىلاشقا بولىدۇ، BIOS@ پروگراممىسى يەنە باشقا بىر قىسىم ئاساسىي
تاختىلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇنى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى ياكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن
بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
_ CMOS قا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ساقلاپ چېكىنسەممۇ ساقلانمىدى، باتارېيە ئالماشتۇرساممۇ
يەنىلا ئوخشاش. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
1. ئاساسىي تاختىدىكى CMOS سىم ئاتلاتقۇچ CMOS «ئۆچۈرۈش» ھالىتىگە تەڭشەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ سىم
ئاتلاتقۇچنى «ساقلاش» ھالىتىگە تەڭشەڭ.
2. ئاساسىي تاختىنىڭ توك يولىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
_ USB ئۈسكۈنىنى ئۈزۈپ _ ئۇلاش جەريانىدا USB ئاساسىي تاختىنىڭ بۇزۇلۇشى
USB ئۈسكۈنىنى ئۈزۈپ _ ئۇلاش جەريانىدا USB ئۈسكۈنىدىكى زەرەت ئاسانلا ئاساسىي تاختىنىڭ «جەنۇبىي كۆۋرۈك» ئۆزەك
پلاستىنكىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا USB ئۈسكۈنىنى ئۈزۈپ _ ئۇلاش جەريانىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش
كېرەك.
1. USB ئۈسكۈنىنى ئۈزۈپ _ ئۇلىغاندا سىرتقى قېپىنى باشقا مېتال نەرسىلەرگە تەگكۈزۈپ زەرەتسىزلەڭ.
2. ئۈزگەندە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئۈزۈڭ.
3. USB ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندا ئامال بار سۈپىتى ياخشىسىنى سېتىۋېلىڭ.
_ 98 Windows نى قاچىلىغاندا Intel845 ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپپىسىنى تونۇماسلىق ھادىسىسى.
ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلانمىغان ياكى نورمال قاچىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە
ئاساسىي تاختا بىلەن بىر گە چىقىدىغان ئوپتىك دىسكىدا Intel chip set soft ware installation utility نامدىكى قوزغىتىش
پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگرامما Intel430TX - Intel860 بولغان ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنى قوزغىتالايدۇ. مەشغۇلات
سىستېمىسى تولۇق قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا Intel chip set soft ware installation utility پروگراممىسىنى
قاچىلىۋەتسىڭىز Intel845 ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسىنى نورمال تونۇيدۇ.
_ P4 كومپيۇتېرنى نورمال ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەندە قېتىۋالىدۇ ياكى قايتا قوزغىلىدۇ.
بۇ BIOS نىڭ Power management تۈرى خاتا تەڭشەلگەن ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ توك مەنبە باشقۇرغۇچىسى
بىلەن بىردەك بولمىغان. شۇڭا BIOS كىرىپ Power management نى قايتىدىن مۇۋاپىق تەڭشەڭ. بۇ تەڭشەش مەشغۇلات
سىستېمىسىنىڭ توك مەنبە باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. ئەگەر يەنىلا ئوڭشالمىسا www.gigabyte.com.tw قا
كىرىپ ئەڭ يېڭى BIOS پروگراممىسىنى چۈشۈرۈپ، ئاساسىي تاختىنىڭ BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قايتىدىن
تەڭشەڭ، يەنىلا ھەل بولمىسا، ئاساسىي تاختا بۇزۇلغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا كەسپىي رېمونتخانىسىغا ئاپىرىڭ.
_ P4 ئاساسىي تاختا، ATA/100 قاتتىق دىسكا، ئۇچۇر سىمى قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ ھەممىسى نورمال، بىراق
ATA/33 دەپ تونۇيدۇ. قانداق ھەل قىلىش چارىسى بار؟
ئۇچۇر سىمى خاتا بولۇپ قالغان. ئادەتتە 80 سىملىق ئۇچۇر سىمىنى ئۇلىغاندا كۆك رەڭلىك بېشى ئاساسىي تاختىغا، قارا
رەڭلىك بېشى قاتتىق دىسكىغا ئۇلانمىغان ئەھۋالدا يۇقىرىقىداك كاشىلا كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇچۇر سىمىنىڭ بېشىنى
ئالماشتۇرۇپ چېتىڭ. ئەگەر مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، ئۇچۇر سىمىنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار. باشقا ئۇچۇر سىمىغا
ئالماشتۇرۇڭ.
_ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا Monitor Warning ئۇچۇر چىقىپ Esc كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن قوزغىلىدۇ. بۇ نېمە
ئۈچۈن؟ P4 ئاساسىي تاختىلارغا بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، كومپيۇتېر قوزغالغاندا كومپيۇتېرنى
تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. ئەگەر مەسىلە كۆرۈلگەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
ئادەتتە توك مەنبەسىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن بېسىمى CMOS دا بەلگىلەنگەن توك بېسىمىدىن ئېشىپ كەتسە، يۇقىرىقى
ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ. BIOS قا كىرىپ توك باشقۇرغۇچدىن توك بېسىمىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
_ SiS730S ئۆزەكلىك ئاساسىي تاختا سەپلەنگەن كومپيۇتېردا 3D ئېكران قوغداش پروگراممىدى ۋە 3D پروگراممىلارنىڭ
ئىجرا بولماسلىقى.
1. كۆرسىتىش كارتىسى قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن. قايتىدىن توغرىلاپ قاچىلاڭ ياكى يېڭى
نەشىردىكى قوزغىتىش پروگراممىسى ۋە تولۇقلىما پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.
2. DirectX7.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.
_ كومپيۇتېر قوزغالغاندا ئۈزىنى تەكشۈرۈپ 512KB Cache دېگەن يەرگە كەلگەندە توختاپ قالىدۇ، قانداق ھەل قىلىش
چارىسى بار؟
قاتتىق دىسكا ياكى بۇففېر ساقلىغۇچتا مەسىلە كۆرۈلگەن. ئاۋۋال قاتتىق دىسكىنى باشقا نورمال كومپيۇتېرغا ئۇلاپ
سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر قاتتىق دىسكا نورمال بولسا ئېنىقكى ئاساسىي تاختىدىكى بوففېر ساقلىغۇچ ئۆزەكتىكى مەسىلە.
BIOS دىن L2Cache بوففېر ساقلىغۇچنى چەكلىۋېتىڭ ياكى ئاساسىي تاختىنى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
_ SCSI ئۇلاش ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ئورناتقاندىن كېيىن كومپيۇتېر ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، قېتىۋېلىقپ
قوزغالمايدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
1. SCSI كارتا بىلەن ئاساسىي تاختا توقۇنۇشۇپ قالغان. ئاساسىي تاختىنىڭ يېڭى نەشىردىكى قوزغىتىش پروگراممىسى
ياكى تولۇقلىما پروگراممىسىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ.
2. بىر كومپيۇتېرغا ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت دانە SCSI كارتا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. SCSI كارتىلار توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇشى
مۇمكىن. SCSI كارتىدىكى سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق INTA/INTB/INTC/INTD قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەڭشەپ سىناپ
كۆرۈڭ.
_ Windows98 قوزغالغاندا IDE Bus Master خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سىن بەلگىسى يوقاپ
كېتىدۇ.
ATA33/66/100 قوزغىتىشنى كونترول قىلىش پروگراممىسى بىلەن ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ توقۇنۇشۇپ قالغان. بۇنداق
ئەھۋالدا ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتىدىن تولۇق قاچىلىغاندا مەسىلە تامامەن ھەل بولىدۇ.
_ كومپيۇتېرنى ئۇدا بىر نەچچە سائەت ئىشلەتكەندىن كېيىن توساتتىن ئېكران قارا بولۇپ قېلىپ ھېچقانداق ئىنكاس
بولمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
1. ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ توك مەنبە شامالچىسىنى، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) شامالچىسىنى
تەكشۈرۈڭ، ئەگەر ئايلىنىشى نورمال بولمىسا ئالماشتۇرۇڭ.
2. كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ CMOS دىن چىققان ئاۋازغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىڭ.
3. ئاساساىي تاختىنى ئاجرىتىپ تەپسىلىي كۆزىتىڭ، بوشاپ قالغان، ياخشى تېگىشمىگەن دېتاللار بولسا، قايتىدىن
مۇقىملاشتۇرۇڭ، ئەگەر ئۆزىڭىز بايقىيالىسىڭىز، ئاساسىي تاختىنى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
_ كومپيۇتېر، پرىنتېر ھەممىسى نورمال، بىراق پرىنتېر بېسىپ چىقىرالمايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
1. ئاساسىي تاختىدىكى LPT ئۇلاش ئېغىزى بۇزۇلغان ( ئادەتتە كومپيۇتېر قوزغىتىقلىق ھالەتتە پرىنتېرنى ئۇلاپ ئۇزۇش
جەريانىدا LPT ئېغىزى ئاسان بۇزۇلىدۇ).
2. ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ BIOS دىن ياكى ئاساسىي تاختىدىكى ئايلاتقۇچنى
تەڭشىگەندىن كېيىن PCI ئوقۇرغا بىر دانە كۆپ ئىقتىدارلىق كارتا سەپلەپ پرىنتېرنى مۇشۇ كارتىغا ئۇلاپ ئىشلىتىڭ.
3. USB ئېغىزىنى LPT ئېغىزىغا ئالماشتۇرىدىغان ئالماشتۇرۇش ئېغىزى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
_ ئاساساىي تاختا VIA ئۆزەك پلاستىنكىلىق باشقا قاتتىق دېتاللار ھەممىسى نورمال، بىراق Windows98 دا دائىم
قېتىۋالىدۇ، قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
VIA ئۆزەك پلاستىنكىنىڭ ياخشى ماسلاشمىغانلىق سەۋەبىدىن بولغان VIA ئۆزەك پلاستىنكىنىڭ (四合一)
قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ ھەمدە BIOS دىن AGP نىڭ پارامېترنى Turbo ھالىتىدىن Normal ھالىتىگە
تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
_ ئاساسىي تاختىدىكى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىغىلى بولماسلىق.
CMOS دىن Integrated peripherals دىن Onboard AC97audio نى auto قىلىپ تەڭشەپ مەشغۇلات سىستېمىسىنى
قوزغىتىپ، ئوپتىك دىسكىدىكى sound مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدىكى ماس كېلىدىغان قوزغىتىش پروگراممىسىنى
قاچىلاڭ.
_ كومپيۇتېر نورمال قوزغىلىپ يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. قانداق ھەل قىلىش چارىسى بار؟
ئاۋۋال قاتتىق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشقان ئەھۋالىنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەڭشۈرۈڭ. ئەگەر توقۇنۇشقان ئەھۋال بولسا CMOS
دىن External cache نى Disable قىلىپ تەڭشەپ قايتا قوزغىتىڭ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن نورمال بولسا، ئېنىقكى cache
بۇزۇلغان بولىدۇ، شۇڭا كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
_ USB نىڭ ئالاھىدىلىكى
1. ئورنىتىش ناھايىتى ئاسان، بارلىق USB ئۈسكۈنىلەرنى بىۋاستە كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزىغا ھەرقانداق شارائىتتا
ئۇلاپ ئۈزۈشكە بولىدۇ.
2. سۈرئىتى تېز، ئادەتتە تۆۋەن سۈرئەتتىكىسى 1.5MB/s، يۇقىرى سۈرئەتتىكى 12MB/s، يوللاش ئارىلىقى 5 مېتر.
3. كۆپ ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاشقا بولىدۇ. بىر PC كومپيۇتېرغا نىسبەتەن ئەڭ كۆپ بولغاندا 127 دانە USB ئۈسكۈنىنى ئۇلاشقا
بولىدۇ.
4. ئۆزى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. USB كابىل تۆت تال سىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى تال سىم ئۇچۇر يوللاشقا،
ئىككى تال سىم توك بىلەن تەمىنلەشكە ئاجرىتىلغان بولۇپ، 5V توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
5. USB ئېغىزلىق ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ئەينەنلىكى يۇقىرى ئاۋازنى قوللايدۇ.
_ USB ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
قاتتىق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە USB ئۈسكۈنە بولۇش كېرەك. ئاساسىي تاختىدا چوقۇم USB ئۇلاش ئېغىزى
بولۇشى ھەم ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى USB ئۈسكۈنىنى قوللىشى، مەشغۇلات سىستېمىسى Windows98
ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىردە بولۇشى ھەم USB ئېغىزلىق ئۈسكۈنە بولغان شارائىتتە نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
_ USB ۋە IEEE نىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى
IEEE1394 بولسا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇلاش ئېغىزى بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 63 دانە ئۈسكۈنە ئۇلاشقا بولىدۇ. IEEE1394 غا
ئىككى خىل باش لىنىيە شەكلى قوللىنىلغان. back plane يەنە بىرى cable شەكلىدىن ئىبارەت، back plane شەكلىنىڭ
تېزلىكى 12.5MB/s، 25MB/s، 50MB/s كابىل شەكلىنىڭ تېزلىكى 400MB/s،200MB/s،100MB/s ھازىر بىر GB غا بايىتقا
يەتكۈزۈلدى.
1. ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاسان، ھەرقانداق شارائىتتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئۈزۈپ ئېلىشقا بولىدۇ.
2. ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئۇلاش شەكلى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
3. يانداش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، كۆپ ئۈسكۈنىلەرنى ئۇلاشقا بولىدۇ.
USB بىلەن IEEE نىڭ پەرقى
1. IEEE نىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى بەك يۇقىرى.
2. IEEE نىڭ غا خابور ئىشلەيمەيمۇ 63 سىرتقى ئۈسكۈنىنى ئۇلاشقا بولىدۇ.
3. IEEE غا ئۇلانغان ئۈسكۈنە ئازلىسا ياكى كۆپەيسە، ئۆزى ئاپتوماتىك تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ.
_ كومپيۇتېردا USB ئۈسكۈنىسى ئىشلەتكىلى بولماسلىق.
1. ئاساسىي تاختا قوزغىتىش پروگراممىسى ۋە USB ئۈسكۈنىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
2. ئاساسىي تاختا BIOS نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
3. ئاساساىي تاختىدىكى USB ئېغىزى بۇزۇلغان. ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرۇڭ.
_ USB ئېكران بولسا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، USB ئېكران بولسا ئاساسىي ماشىنىنىڭ
USB ئېغىزىغا ئۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. كۆرسىتىش كارتىسى ئىشلىتىش ھاجەتسىز.
_ Smart key مەخپى نومۇرى يوقاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
Smart key مەخسۇس ئۇسۇل بىلەن شىفىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، CMOS ئۇچۇرلىرىنى يوقىتىش ئارقىلىقمۇ يەشكىلى
بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاساسىي تاختىنى رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
_ Intel850 ئاساسىي تاختا سەپلەنگەن كومپيۇتېر Windows2000 دا قېتىۋالىدۇ.
بۇ تۈردىكى ئاساسىي تاختىلار ATA66/100 قاتتىق دىسكا ئىشلىتىلىدۇ. قاتتىق دىسكا ئۇچۇر سىمى 40 سىملىق ياكى 80
سىملىق خاتا چېتىلىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن قېتىۋالغان، بۇنداق ئەھۋالدا BIOS نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرسىلا كاشىلا
ساقىيىدۇ.
_ ئاساسىي تاختىدىكى IDE, COM, LTP ئۇلاش ئېغىزلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەب ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ خىلدىكى كاشىلا كومپيۇتېر قوزغىتىقلىق ھالەتتە ئۈسكۈنىلەرنى ئۇزۈپ ئۇلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسىي
تاختىنى كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ ياكى كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ IDE, COM, LTP
ئېغىزلىرىنى تولۇقلاڭ.
_ Celeron677 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى Intel820 ئاساس تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟
Intel820 ئاساسىي تاختا Pentium مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا لايىھىلەنگەن بولۇپ، 100MHz لىق سىرتقى چاستوتىدىن
تۆۋەن بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نى قوللىمايدۇ. Celeron677 نىڭ سىرتقى چاستوتا 66MHz بولغان Celeron
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى قوللايدۇ.
_ Intel845 ئۆزەك پلاستىنكىلىق ئاساسىي تاختا سەپلەنگەن كومپيۇتېرغا Windows98 قاچىلىغاندا كومپيۇتېرنىڭ
نورمالسىزلىقى.
بۇ خىل كاشىلا ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەك پلاستىنكىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ قاچىلانمىغانلىق
سەۋەبىدىن بولغان. ئاساسىي تاختا بىلەن بىرگە چىقىدىغان ئوپتىك دىسكىدىن Intel chipset Software Installstion Utility
نى قاچىلاڭ.
_ Intel845E ئاساسىي تاختىدا ئىچكى ساقلىغۇچ قىستۇرۇش ئوقۇرىدىن ئۈچى بار بولۇپ، 128MB ئىچكى ساقلىغۇچتىن
ئۈچنى سەپلىسەم كومپيۇتېر قوزغالمىدى.
بۇ خىل ھادىسىدە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ قوش يۈزلۈك، تاق يۈزلۈك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈچ دانە ئىچكى
ساقلىغۇچ سەپلىگەندە چوقۇم ئىككى دانە ئىچكى ساقلىغۇچ تاق يۈزلۈك بولۇش كېرەك. يەنە بىرى قوش يۈزلۈك بولسا
نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىنى ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەك پلاستىنكىنىڭ قوللاش ئۆلچىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
_ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا Error unable control a20 line ئۇچۇرىنىڭ چىقىپ، كومپيۇتېر قېتىۋېلىش ھادىسىسى.
بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كاشىلىسى بولۇپ، ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى قومۇرۇپ ئېلىپ،
قايتىدىن مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇڭ ياكى باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ، يەنىلا ھەل بولمىسا، باشقا ئىچكى
ساقلىغۇچنى سېلىپ سىناپ كۆرۈڭ، يەنىلا ھەل بولمىسا ئاساسىي تاختا بۇزۇلغان.
_ كوميۇتېرنى ئۆچۈرۈۋەتسەممۇ USB ئۈسكۈنىلەرگە يەنە داۋاملىق توك ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟
بىر قىسىم ئاساسىي تاختىلارنىڭ USB ئېغىزى سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. سىم ئاتلاتقۇچ on ھالەتتە تۇرسا USB
ئۈسكۈنىلەرگە داۋاملىق توك ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن USB سىم ئاتلاتقۇچنى تېپىپ
off ھالەتكە تەڭشىسىڭىز كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن USB ئۈسكۈنىلەرگە يەنە داۋاملىق توك ئۆتۈپ تۇرمايدۇ.
_ QDI ئاساسىي تاختىنىڭ PCI كارتا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇماسلىق.
QDI ئاساسىي تاختىنىڭ ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، كومپيۇتېر قوزغالغاندا
بىكار تۇرغان قىستۇرۇش ئوقۇرىنى ئېتىۋېتىش ئارقىلىق رادىئاتسىيىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇڭا PCI كارتا ياكى ئىچكى
ساقلىغۇچنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۇلارنى تونىمايدۇ. يېڭى PCI كارتا ياكى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن
ئاۋۋال كومپيۇتېر توك مەنبەسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن BIOS نى ئېتىراپ قىلغان
ھالەتكە (detault loaded safe mode) تەڭشىگەندىن كېيىن نورمال تونۇيدۇ.
_ ئاساسىي تاختىنىڭ ئۇلاش ئېغىزلىرىدىن COM, LPT ئېغىزلىرى كومپيۇتېر ئىشلەۋاتقان شارائىتتا سىرتقى
ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزۈپ ئۇلاش سەۋەبىدىن بۇزۇلىدۇ. بۇنداق شارائىتتا كۆپ ئىقتىدارلىق كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ
ئىشلەتسىڭىز، تەننەرخى ئەڭ ئەرزان پۈتىدۇ. ئۇندىن باشقا USB نى COM, LPT ئالماشتۇرىدىغان باش ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە
ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
_ ئاساسىي تاختىدىكى USB ئېغىزى بۇزۇلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1. ئاساسىي تاختىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنى USB نى كېڭەيتىشكە بولىدىغان يىڭنە بار. بۇ ئارقىلىق يەنى USB ئېغىزىنى
سىرتقا چىقارغىلى بولىدۇ.
2. PCI قىستۇرۇش ئوقۇرلۇق USB كېڭەيتمە كارتىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3. ئاساسىي تاختىنى رېمونت قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
_ كومپيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە 你可以安全关闭计算机 دېگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ power كۇنۇپكىسى باسقاندا
ئۆچىدۇ، قانداق قىلغاندا ئۆزى نورمال ئۆچىدۇ؟
بۇ ئاساسىي تاختىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك توك مەنبە باشقۇرغۇچنى مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇمىغان ياكى توقۇنۇشۇپ
قالغان.
BIOS دىن power Management setup تىزىملىكىدىن ACPI Function تۈرنى Enable قىلىپ تەڭشىسەك ھەم سىستېمىنى
قوزغىتىپ ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتىدىن قاچىلاڭ.
(ACPI Function تۈرى ئەسلىدىن Enable قىلىپ تەڭشەپ، ئاساسىي تاختىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ).
_ كومپيۇتېرغا 联想 ماركىلىق ئاساسىي تاختا سەپلەنگەن بولۇپ، كېيىن تور كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى سەپلىگەن
بولساممۇ، بىراق ئۇلارنى تونۇمىدى.
联想 ئاساسىي تاختىلاردا ئالاھىدە بىر ئىقتىدار بار بولۇپ، كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا قاتتىق دېتالنى تەكشۈرمەستىن تېز
سۈرئەتتە قوزغىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا BIOS قا نىسبەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
Advanced Bios Features دىن BOOTEASY نى Disaobled قىلىپ تەڭشىسىڭىز يېڭىدىن سەپلىگەن قاتتىق دېتالنى
تەكشۈرەلەيدۇ. ئاندىن قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ.
_ ئاساسىي تاختا Intel925 ئۆزەك پلاستىنكىلىق IDE ئۇلاش ئېغىزىدىن پەقەت بىرسىلا بار بولۇپ، ئېھتىياج تۈپەيلىدىن
يەنە IDE ئۇلاش ئېغىزى كېرەك بولۇپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟
1. SERILLEL دەپ ئاتىلىدىغان ئالماغتۇرغۇچ ئورنىتىڭ. بۇ ئالماشتۇرغۇچ ئارقىلىق IDE ئۇلاش ئېغىزلىق قاتتىق
دىسكىنى ئاساسىي تاختىدىكى SATA ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلىغىلى بولىدۇ.
2. ATA/133 لىك PCI كارتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
USB ئۈسكۈنە بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا بولامدۇ؟
ئەگەر BIOS قوللىسا بولىدۇ.
BIOS دىن Advanced BIOS Features دىكى first boot device نى USB قىلىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن USB ئۈسكۈنە
ئارقىلىق قوزغاتقىلى بولىدۇ. USB ئۈسكۈنىدە چوقۇم كومپيۇتېر قوزغىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھۆججەتلەر بولۇشى
كېرەك.
_ nForee 4 ئۆزەك پلاستىنكىسى ئىشلىتىلگەن ئاساسىي تاختىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئە تېمى ئىقتىدارىنى قانداق جارى
قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن Windows XP sp_1 دىن يۇقىرى نەشرى ۋە NVIDIA nForee Driver دىن يۇقىرى نەشرى قاچىلىغاندىن كېيىن
تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. سىستېما تىزىملىكىدىن 程序/NVIDIA Corporation/network access manager/wed based
interface دىن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى تەڭشىگەندىن كېيىن، مۇداپىئە تېمى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
_ ئاساسىي ماشىنا قېپى بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ماسلا بولۇشى.
كومپيۇتېر قۇرۇشتۇرۇش جەريانىدا ئاساسىي تاختىنى سىنىغاندا نورمال، ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغاندا
قوزغالماسلىقتەك ھادىسە كۆرۈلىدۇ. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇش تۈپەيلىدىن شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا ئاساسىي ماشىنا قېپىنى تاللاپ سېتىۋالغاندا سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي يەنە ئىچكى
قۇرۇلمىسىنىڭ، ماتېرىيالى، سۈپىتى قاتارلىقلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەندە،
ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى قىسقا تۇتاشقان جاينى تېپىپ چىقىپ ئىزولياتسىيەلىك جۇسۇسىيىتى بار
نەرسە بىلەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىڭ.
ئاساسىي تاختا _ كومپيۇتېرنىڭ يادرولۇق بۆلىكى. BIOS بولسا، ئاساسىي تاختىنىڭ يادرولۇق بۆلىكى.
كومپيۇتېرلاردا كاشىلا كۆرۈلگەندە ئاساسىي تاختىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە BIOS نىمۇ تەكشۈرۈش زۆرۈردۇر.
چوتكا بىلەن ئاساسىي تاختىنى پاكىز تازىلاپ، ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارتىلارنى چىقىرىپ ئاساسىي تاختا
بىلەن تۇتىشىدىغان قىسمىنى پاكىز تازىلاپ، قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
ئاساساىي تاختىدا كاشىلا كۆرۈلسە سىستېما نورمال ئىشلىمەيدۇ، ئاساسىي تاختىدا كاشىلا كۆرۈلسە ئاسان بايقىغىلى،
ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. كۆپىنچە كاشىلىلار تۆۋەندىكىدەك سەۋەنلەردىن پەيدا بولىدۇ.
1. ئاساسىي تاختىدىكى دېتاللارنىڭ ياخشى تۇتاشماسلىقى، ئاساسىي تاختىغا نۇرغۇن دېتاللار سەپلەنگەن بولىدۇ.
مەسىلەن: مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، تور كارتىسى.... قاتارلىقلار، بۇلار
ئاساسىي تاختىغا توغرا ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا ياكى چاڭ _ توزان، ئوكسىدلىنى سەۋەبىدىن ئاساسىي تاختا بىلەن ياخشى
تۇتاشمىغان ئەھۋالدا ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
2. ئاساسىي تاختىنى توغرا تەڭشىمەسلىك.
ھازىرقى ئاساسىي تاختىلار يۇمشاق سىم ئاتلاتقۇچ (软跳线)، قاتتىق سىم ئاتلاتقۇچ (硬跳线) ئارقىلىق
تەڭشىلىدۇ. سىم ئاتلاتقۇچ توغرا تەڭشەلمىسە ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)
نىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ توك بېسىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەگەر
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ توك بېسىمى نورمال دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتسە كومپيۇتېر قوزغالمايدۇ.
3. ئاساسىي تاختا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولمىسا، يېڭىدىن قاتتىق دېتال سەپلەنگەندە نورمال ئىشلىمەي
قېتىۋېلىشى .... قاتارلىق ھادىسىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
4. ئاساسىي تاختىدىكى ئېلېكترون دېتاللارنىڭ بۇزۇلۇشى.
بۇخىل كاشىلا ئاساسىي تاختىدىكى ئېغىر كاشىلا بولۇپ، ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەرنىڭ كۆيۈشى، كوندېنساتور
قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە باشقا ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ كاشىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.