كومپيۇتېر قوزغالغاندىكى خاتالىق ئۇچۇرلىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) CMOS Battery State Low
CMOS باتارېيىسىنىڭ توكى تۈگىگەن. باتارېيە ئالماشتۇرۇڭ.
2) CMOS Checksum Error _ defaults Loaded
CMOS باتارېيە توكىنىڭ تۈگىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان، باتارېيە ئالماشتۇرۇڭ. يەنىلا يۇقىرىقى ئۇچۇر چىقسا CMOS نى defaults Loaded Setup قىلىپ تەڭشەڭ. يەنىلا تۈزەلمىسە ئاساسىي تاختىدا كاشىلا كۆرۈلگەن.
3) CMOS System option not set
CMOS دا ئۇچۇر ساقلانمىغان ياكى بۇزۇلغان، خاتالىقنى تۈزىتىڭ.
4) CMOS Displag type mismatch
CMOS دا ساقلانغان كۆرسىتىش شەكلى بىلەن BIOS تەكشۈرگەن كۆرسىتىش شەكلى بىردەك بولمىغان ئۆزگەرتىڭ.
5) CMOS time & date not set
CMOS دىكى ۋاقىت ۋە چېسلا تەڭشەلمىگەن، ۋاقىت ۋە چېسلا تەڭشەڭ.
6) CMOS Memory Size Mismatch
ئاساسىي تاختىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى بىلەن CMOS دا خاتىرىلەنگەن ئىچكى ساقىغۇچ سىغىمى بىردەك بولمىغان، BIOS دىن ئۆزگەرتىڭ.
7) Cache Memory Bad, Donot enable Cache!
ئاساسىي تاختىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك بوفېر ساقلىغۇچ بۇزۇلغان، رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
8) Address Line Short
ئاساسىي تاختىدىكى كود تەرجىمە توك يول ئادرېسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرۇڭ.
9) Error: Unable to Control A20 Line
ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئاساسىي تاختا ياخشى تۇتاشمىغان ياكى ئىچكى ساقلىغۇچ كونتروللىغۇچىدا مەسىلە كۆرۈلگەن. ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئالماشتۇرۇڭ ياكى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ.
10) Memory Allocation Wrror
Config. sys ھۆججتىدىكى ئىچكى ساقىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك قۇرلارنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان، Config. sys ھۆججىتىنى قايتىدىن تەڭشەڭ.
11) DMA ERROR
ئاساسىي تاختىدىكى DMA كونتروللىغۇچىدا خاتالىق كۆرۈلگەن، ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرۇڭ.
12) c: drive failure run setup utility, press (F1 to resume )
قاتتىق دىسكا پارامېترنىڭ نورمال تەڭشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. BIOS دىن تەڭشەڭ ھەم قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىڭ.
13) Invalid drive Spectfication
(1) قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىپ فورماتلاڭ.
(2) تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ.
14) Non _ System desk or desk error, Raplace And strike any key when ready
CMOS دىكى قاتتىق دىسكا پارامېترلىرى يوقاپ كەتكەن ياكى قاتتىق دىسكىنىڭ خاتا تەڭشەلگەنلىك سەۋەبىدىن بولغان.
15) Invalid partition table
قاتتىق دىسكىنىڭ ھۆججەت تەقسىملەش جەدۋىلىدە خاتالىق كۆرۈلگەن، NDD ئارقىلىق ئوڭشاڭ ياكى قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىڭ.
16) No Rom Basic, System halted
يېتەكلەش پروگراممىسى بۇزۇلغان، ۋىرۇس يۇققان، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل NDD ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
17) HDD Controller Failure
(1) LED ئۇچۇر سىمى ياخشى تېگىشمىگەن ياكى خاتا چېتىلغان.
(2) يۇقىرىقى ئۇچۇر چىقىش بىلەن بىرگە قاتتىق دىسكىدا رىتىملىق ئاۋاز بولسا، قاتتىق دىسكىنىڭ مېخانىك قىسىملىرى بۇزۇلغان.
(3) قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق بۇزۇلۇش كۆرۈلگەن.
18) Primary IDE channel no 80 Conductor Cable installed
قاتتىق دىسكىغا 80 سىملىق ئۇچۇر سىمى ئۇلانمىغان، شۇ خىلدىكى ئۇچۇر سىمىغا ئالماشتۇرۇڭ.
19) Bad of Missing Command
Command.com ھۆججتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى يوقاپ كەتكەن. نورمال Command.com ھۆججىتىنى قاتتىق دىسكىنىڭ يېتەكلەش رايونىدىكى غول مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈڭ.
20) No System disk or Disk Error
قوزغىتىش دىسكىسى سىستېما دىسكىسى ئەمەس. ھۆججەتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ (: SYS c ).
21) Error Loading Operating System Missing opera System
يېتەكلەش خاتىرىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەن ۋە ياكى ئاساسىي يېتەكلەش سانلىق مەلۇماتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ. يەنىلا ئەسلىگە كەلمىسە، قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىپ، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ.
22) Disk I/O Error, Replace disk and press Enter
قوزغىلىش ھۆججەتلىرى يوقاپ كەتكەن.
مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاڭ ياكى قاتتىق دىسكىنى قايتىدىن رايونغا ئايرىڭ.
23) Kavkrnl. Vxd 丢失
Dll.vxd ھۆججەتلىرى يوقاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولغان. ئوخشاش نەشردىكى Windows قاچىلانغان كومپيۇتېردىن يوقاپ كەتكەن ھۆججەتنى تېپىپ، ئۆز ئورنىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ.