UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرمەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ئاۋاز چىقماسلىقى.

مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ئاۋاز چىقماسلىقى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى بۇ خىل كاشىلا (1) مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قوزغىتىش پروگراممىسى ئاۋاز كارتىسى قوزغىتالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان. ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ. ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرىدە كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى ئومۇمەن ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرىدە كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئاۋاز سىمىنىڭ نورمالسىزلىقى، بەزىدە ياڭراتقۇ توكقا چېتىلمايدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلىدۇ. (2) پەقەت ئاۋاز چىقماسلىقى ئاۋاز كارتىسى بىلەن يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. (3) شاۋقۇننىڭ كۆپ بولۇشى قاتتىق دېتاللارنىڭ ياخشى تېگىشمىگەنلىكى، ياخشى ماسلاشمىغانلىقى ۋە يۇمشاق دېتال سەۋەبىدىن بولىدۇ. (4) قاتتىق دېتاللارنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشى قاتتىق دېتاللارنى ئورۇنلاشتۇرغان قىستۇرۇش ئوقۇرى ۋە يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يۇقىرىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاساسلىق كاشىلىلار يۇمشاق دېتال، قوزغىتىش پروگرامىسى ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئۆزىدىكى كاشىلىلاردىن ئىبارەت. قاتتىق دېتاللاردا توقۇنۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى بولسا يۇمشاق دېتال بىلەن تەڭشەش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ يېڭى قوزغىتىش پروگراممىسى ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئومۇمەن ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك كاشىلىلار تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ھەل قىلىنىدۇ. (1) ئۇلاش سىملىرى توغرا، مۇۋاپىق ئۇلانغانمۇ _ يوق؟ (2) يۇمشاق دېتال بىلەن تەڭشەش نورمالمۇ _ يوق؟ (3) قاتتىق دېتاللار نورمال، توغرا تەڭشەلگەنمۇ؟ (4) قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەتكەنمۇ _ يوق؟
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ئاۋاز چىقماسلىقى. | UyghurWiki | UyghurWiki