Windows98 نىڭ ھەر خىل قوزغىلىش شەكىللىرى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) Normal : ئادەتتىكى نورمال ھالەتتە قوزغىلىش بولۇپ، MSDOS.sys Config.sys, Auto xexc.bat دىكى بارلىق بۇيرۇقلار ئىجرا بولىدۇ.
(2) (BOOTLOG.TXT)Logged بۇ نورمال ھالەتكە ئاساسەن ئوخشاش. بىراق قوزغالغان ۋاقىتتا ئىجرا بولغان ھەربىر بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسىنى bootlog.txt ھۆججىتىگە خاتىرىلەيدۇ.
(3) safe mode نىڭ بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىشى، كۆرسىتىش كارتىسى VGA, تورنى قوللىمايدۇ.
(4) Step by step configration نورمال ھالەتتە قوزغالغاندا ئىجرا بولغان بۇيرۇقلار بىر _ بىرلەپ چىقىدۇ ھەم ئىجرا قىلىش _ قىلماسلىقىنى سورايدۇ. بۇ خىل قوزغىلىش شەكلى ئارقىلىق سىستېمىنىڭ مەسىلەكۆرۈلگەن جايىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
(5) Command prompt only سىستېما پەقەت DOS ھالىتىدە قوزغىلىدۇ. Windows نىڭ كۆزنەك ھالىتىدە قوزغالمايدۇ.
(6) Safe mode Command prompt only بۇ خىل قوزغىلىش شەكلىدە Autoxexc.bat Config.sys دىكى بۇيرۇقلارمۇ ئىجرا بولمايدۇ. Windows98 نىڭ كۆزنەك ھالىتىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت DOS ھالىتىدىلا قوزغىلىدۇ.
(7) Previous Version of MS _ DOS بۇ خىل قوزغىلىش ھالىتى Windows98 نى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شەكلىدە قاچىلىغاندا كۆرۈلىدۇ. بۇ تۈر تاللانغاندا ئەسلىدىكى MS _ DOS ھالىتىگە كىرىدۇ.