مىكرو كومپيۇتېر
كومپيۇتېر بىلىملىرى
كومپيۇتېر (COMPUTER ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئېلېكترونلۇق مېڭە) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمىتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.
باشقا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. كومپيۇتېرنى تۈرگە ئايرىش ئۇنىڭ توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى، ئىشلىتىلگەن تېخنىكا، ھەجمى، باھاسى، ھېسابلاش سۈرئىتى، ئىقتىدارى، ئىلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى خىل.