مودىم بىلەن نومۇر بۇراپ تورغا چىققاندا دائىم توردىن ئۈزۈلۈپ كېتىشى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
بۇ كۆپ خىل ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:
1) مودىمنى باشقا PCI قىستۇرۇش ئوقۇرىغا يۆتكەڭ.
2) باشقا ئۈسكۈنە بىلەن توقۇنۇشقان ئەھۋالىنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ.
3) CMOS دىن مودىم ئىشلەتكەن ئېغىزنى قايتا تەڭشەڭ. (COM1, COM2, COM3, COM4) ئېغىزلىرىغا يۆتكەڭ.
4) مودىمدىكى سىم ئاتلاتقۇچنى چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەڭ.
5) باشقا ئىشلەتمىگەن ئۈسكۈنىلەرنى تاقىۋېتىڭ. USB ئېغىزى، ئىنفېرا قىزىل نۇرلۇق ئۈسكۈنە... قاتارلىقلار.
6) يۇقىرى نەشرىدكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.
7) ئاۋۋال ئاساسىي تاختىنىڭ پروگراممىسىنى، ئاندىن مودىمنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.
8) تېلېفون سىم يولىنىڭ سۈپىتىنى تەڭشۈرۈڭ