UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرWindows دا قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش تەرتىپى

Windows دا قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش تەرتىپى

كومپيۇتېر بىلىملىرى قاتتىق دېتاللارنى سەپلەپ مەشغۇلات سسىتېمىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش كېرەك. قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلىغاندا مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە قاچىلاش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن تەكرار مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ قېلىش، ھەتتا كومپيۇتېر قېتىۋالىدىغان، نورمال ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ. 1) ئاساسىي تاختا قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى قاچىلاش 2) AGP ياكى PCI _ E كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش. 3) مۇھىم، پرىنتېر، تور كارتىسى، قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش. 4) باشقا قاتتىق دېتاللارنى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاش. تولۇق قاچىلاش بولغاندىن كېيىن قاتتىق دىسكىنى بىر قېتىم رەتلىۋېتىپ Ghost ئارقىلىق زپاس تۇرغۇزۇش.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر