يېڭى ئورناتقان ADSL دا بەزىدە تورغا چىققىلى بولماسلىق سەۋەبى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ADSL بولسا، تېلېفون سىمى ئارقىلىق كەڭ بەلۋاغلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى بولۇپ، دولقۇن سۈزگۈچ ئارقىلىق تېلېفون ئۇچۇرى بىلەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا نىسبەتەن تاللاش ئېلىپ بارالايدۇ. بەزىدە تورغا چىقالماسلىقنىڭ سەۋەبى ADSL مودىمغا ئۇلىنىدىغان سىملار مۇقىم ئۇلانمىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى ADSL مودىم بىلەن تور كارتىسى ياخشى ئۇلانمىغان. تەكشۈرۈپ قايتىدىن ئۇلاڭ. تور كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى توغرا قاچىلانمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. قايتىدىن قاچىلاڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ADSL نىڭ تېلېفون سىم لىنىيە سۈپىتىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولۇپ، سىم يول لىنىيەسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. سىم يول لىنىيەسىنىڭ سۈپىتى چوقۇم ياخشى بولۇشى كېرەك.