ھەر خىل تۈردىكى پرىنتېرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
لازېرلىق پرىنتېر
ئارتۇقچىلىقى:
ھازىرغىچە بار بولغان پرىنتېر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە يېزىق بېسىش سۈئىتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
بېسىش سۈئىتى پرىنتېرلار ئىچىدە ئەڭ تېز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى.
ئوخشىمىغان چوڭ كىچىكلىكتىكى قەغەزلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ، بېسىش ماتېرىياللىرىغا نىسبەتەن ماسلىشىشى ياخشى.
ئاپتوماتىك بەت ئايرىش ماشىنىسى، تۈپلەش ماشىنىسى قاتارلىق قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
كېرەكلىك ماتېرىيالنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، بېسىپ چىقىرىش تەننەرخىمۇ تۆۋەن.
يېتەرسىزلىكى:
رەسىم بېسىش سۈپىتى نىسبەتەن ناچار.
باھاسى يۇقىرى.
پۈركىمە پرىنتېر.
مەخسۇس رەسىم قەغىزى ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا رەسىم بېسىش ئۈنۈمى ھازىرقى پرىنتېرلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى، ھەم رەسىمنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.
سۈرئىتى نىسبەتەن تېز.
رەقەملىك ئاپپارات ۋە باشقا ساقلاش كارتىللىرىنى سەپلەش ئارقىلىق، تېز سۈرئەتتە بېسىپ چىقىرالايدۇ. يېتەرسىزلىكى
سۈرئىتى لازېرلىق پرىنتېرلارغا يەتمەيدۇ.
رەڭ قۇتىسىنىڭ سىغىمى كىچىك بولغاچقا، كۆپ ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تېجەشلىك ئەمەس، ئۈزلۈكسىز بېسىش ئىقتىدارى تۆۋەن، چوڭ سىغىمىدىكى ھۆججەتلەرنى بېسىپ چىقىرىشقا ماس كەلمەيدۇ.
بېسىش تەننەرخى لازېرلىق پرىنتېرلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى.