كومپيۇتېرنى تورغا Internet گە ئۇلاش ئۇسۇللىرى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) PSTN نومۇر بۇراپ تورغا چىقىش. تېلېفون سىمى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش. ئاۋۋال ئابونت مودىم بىلەن تېلېفون سىمى ئارقىلىق مۇلازېمىتىردىكى مودىمنى چاقىرىدۇ. مۇلازىمېتر ئابونت نامى. مەخپىي نومۇرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن Internet قا ئۇلاپ بېرىدۇ.
2) DDM مەخسۇس سىم ئارقىلىق تورغا چىقىش بولۇپ، بىۋاستە ئۇلىنىدۇ. مەخسۇس لىنىيە ئىشلىتىدىغان بولۇپ ئادەتتىكىدەك تېلېفون سىمى مۇلازىمىتى ئىشلەتمەيدۇ. سۈرئىتى تېز، بىراق باھاسى يۇقىرى.
3) ISDN بىر سىملىق ئۇلىنىش. ئۇ ئادەتتىكى تېلېفون سىمىدا رەقەملىك ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. سۈرئىتى PSTN دىن ئىككى ھەسسە ئەتراپىدا تېز.
4) ADSL كەڭ بەلۋاغلىق تور بولۇپ، سۈرئىتى ناھايىتى تېز، تېلېفون سىمى بىلەن ئۇلانسىمۇ تېلېفون ھەققى تاپشۇرمايدۇ. بىر نەچچە كومپيۇتېرلار بىر ADSL ئارقىلىق تورغا ئۇلانسىمۇ سۈرئىتىگە ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا قول تېلېفون ئارقىلىق سىمسىز تورغا چىقىش، سۈنئىي ھەمراھ، ئوپتىك كابىل، ئېلېكتر ئېنېرگىيە تورى، سىملىق تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش ئۇسۇللىرىمۇ بار.