ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ پەقەت ئىشلىمەسلىكى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
(1) كومپيۇتېر قوزغىلىۋاتقاندا ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنى تەكشۈرگەن ياكى تەكشۈرەلمىگەنلىكىگە قاراڭ. ئەگەر تەكشۈرەلمىسە، قاتتىق دېتالدا ئېغىر بۇزۇلۇش كۆرۈلگەن، كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
(2) ئۇچۇر سىمى، توك مەنبە سىملىرى ۋە سىم ئاتلاتقۇچ توغرا تەڭشەلگەن ياكى تەڭشەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئۇچۇر سىمى ئاساسىي تاختا ۋە ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ توغرا ئۇلانغانمۇ _ يوق؟ ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ توك مەنبەسى مۇقىم ئۇلانغانمۇ _ يوق؟ ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سىم ئاتلاتقۇچى توغرا تەڭشەلگەنمۇ _ يوق؟
(3) قوزغىتىش پروگراممىسى ۋە تەڭشەش پروگراممىسىنىڭ باشقا قاتتىق دېتاللار بىلەن توقۇنۇشقان ياكى توقۇنۇشمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
(4) ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇس تازىلاڭ.