سىستېما يۇمشاق دېتالى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
سىستېما يۇمشاق دېتالى _ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارغا بۆلىنىدۇ.
مەشغۇلات سىستېمىسى _ سستېما يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمى، ئىشلەتكۈچى بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. ئۇنىڭ رولى _ ئىشلەتكۈچىگە قۇلايلىق يارىتىش ۋە كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەشغۇلات سىستېمىسى تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ.
كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال مەنبەلىرىنى باشقۇرىدۇ.
كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى مۇۋاپىق تەشكىللەيدۇ.
كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى، سىستېما بىلەن ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى، ئىشلەتكۈچى بىلەن ئىشلەتكۈچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ.
ھازىر مىكرو كومپيۇتېرلارغا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن:
Linux, Unix, Windows, DOS قاتارلىقلار بار. مەشغۇلات سىستېمىسى يەنە تېكست يۈزلۈك مەشغۇلات سىستېمىسى DOS, Unix گە ئوخشاش. گرافىك يۈزلۈك مەشغۇلات سىستېمىسى MAC OS ,Minux، Windows گە ئوخشاش تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.