Ghost يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق زاپاسلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش
كومپيۇتېر بىلىملىرى
Ghost .exe نى قوزغىتىپ Local/partition/to image نى ئىجرا قىلىمىز، بۇنىڭ رولى، مەلۇم دىسكا رايونىنى مەلۇم ھۆججەتكە پرىسلاپ ساقلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا، قاتتىق دىسكا رايونىنى تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. تىزىملىكتىن پرىسلاپ ساقىماقچى بولغان قاتتىق دىسكا ياكى قاتتىق دىسكا رايونىنى تاللايمىز. (بىر نەچچە قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن كومپيۇتېرغا نىسبەتەن قاتتىق دىسكىنى تاللايمىز. بىر قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن كومپيۇتېرغا نىسبەتەن دىسكا رايونىنى تاللايمىز) بۇ كۆزنەكتىن پرىسلانغان دىسكا رايونىنى تاللاپ OK كۇنۇپكىسىنى باسساق. پرىسلىماقچى بولغان ھۆججەتنى قەيەرگە، قانداق ئىسىم بىلەن ساقلاشنى سورايدۇ. مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن no نى تاللىغاندا پرىسلانغان ھۆججەت ھاسىل قىلىش جەريانىدا ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن پرىسلاش ئېلىپ بارمايدۇ، ھۆججەتنىڭ سىغىمى چوڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى تېز.
fast نى تاللىغاندا ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن بىر ئاز پرىسلاش ئېلىپ بارىدۇ، ھۆججەت سىغىمى نىسبەتەن كىچىك، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا.
high نى تاللىغاندا ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن زور پرىسلاش ئېلىپ بارىدۇ، ھۆججەت سىغىمى كىچىك، ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتى ئاستا.
يۇقىرقى ئۈچ تۈردىن مۇۋاپىق تۈرنى تاللىغاندىن كېيىن yes كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، پرىسلانغان ھۆججەت قۇرۇشنى باشلايدۇ.
ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
Ghost .exe نى قوزغىتىپ Local/partition/to image نى تاللاپ ئىجرا قىلغاندا پرىسلانغان ھۆججەتنى تاللاش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. ساقلىغان ئورۇندىن ھۆججەت نامىنى كۆرسەتسەك، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان رايون بار دىسكىنى تاللاش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن قايسى رايونغا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سورايدىغان كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، بۇنىڭدا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دىسكا رايونىنى دىسكا رايونىنى تاللاپ باسقاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.