UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنىڭ خىزمەت مۇھىتى

كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت مۇھىتى

كومپيۇتېر بىلىملىرى كومپيۇتېر ئۆمرى ۋە ئىشلەش مۇقىملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كومپيۇتېر ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان مۇھىت تېمپىراتۇرىسى 35 ~ 10 سىلتسىيە گرادۇس بولۇپ، تېمپىراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، كومپيۇتېرنىڭ ئۆمرى ۋە ئىشلەش مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نىسپىي نەملىكى ٪80 ~ 30٪ گىچە بولۇشى كېرەك، بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. ھەتتا قىسقا تۇتىشىش يۈز بېرىپ، كۆيۈپ كېتىدۇ. ھاۋا نەم چاغلاردا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك ياكى كومپيۇتېرغا بىر مەزگىل توك ئۆتكۈزۈش كېرەك. بەزىلەر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئاز، ئىشلەتكەن ۋاقىت قىسقا بولسا كومپيۇتېرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمىلىك قاراش. كومپيۇتېرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتمىگەندە چاڭ _ توزان سەۋەبىدىن قاسقا تۇتىشىش كېلىپ چىقىدۇ. كومپيۇتېر توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدىغان توكنىڭ بېسىمى٪10 士220V بولۇشى، چاستوتىسى ٪50Hz士5 بولۇشى ھەم يەر سىمى ئۇلىنىشى كېرەك. ئىمكانىيەت بولسا UPS ئىشلىتىپ كومپيۇتېرنى ئاسراش كېرەك. كومپيۇتېر توغرا قوزغىتىش ۋە توغرا ئۆچۈرۈشمۇ كومپيۇتېرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كومپيۇتېرنى قوزغىتىش تەرتىپى _ ئاۋۋال سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ( مەسىلەن: ئېكران، پىرىنتېر، سىكاننېر... ) نى توكقا ئۇلاش، ئاندىن سىرتقى ئاساسىي ماشىنىنى قوزغىتىش، ئۈچۈرۈش تەرتىپى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئاۋۋال ئاساسىي ماشىنىنى ئۆچۈرىمىز، ئاندىن سىرتقى ئۈسلۈنىلەرنى ئۆچۈرىمىز، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت ئاساسىي ماشىنىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق. چۈنكى ئاساسىي ماشىنا قوزغىتىقلىق شارائىتتا سىرتقى ئۈسلۈنىنى توكقا ئۇلىغان ۋاقىتتا ئاساسىي ماشىنىنىڭ توكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى چوڭ بولىدۇ، قاتتىق دېتاللارناىڭ بۇزۇلۇشىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېرنى نورمال ئۆچۈرۈش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا سىستېما پروگراممىلارنىڭ ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر