UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا key board error دېگەن ئۇچۇر چىقىشى.

كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا key board error دېگەن ئۇچۇر چىقىشى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى (1) ئاساسىي تاختىنىڭ PS/2 ئۇلاش ئېغىزى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ SP/2 ئېغىزى ياخشى تېگىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. قايتىدىن مۇقىم ئۇلاڭ. (2) كۇنۇپكا تاختىنىڭ PS/2 ئېغىزى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن. كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇڭ. (3) ئاساسىي تاختىدىكى SP/2 ئۇلاش ئېغىزى بۇزۇلغان بولۇشى مۇمكىن. USB ئۇلاش ئېغىزلىق كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىڭ. مائۇس ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن بولسا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىڭ. (1) مائۇسنى ياكى كۇنۇپكا تاختىسىنى باشقا كومپيۇتېرغا چېتىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر نورمال ئىشلىسە مائۇس ياكى كۇنۇپكا تاختىسىدا مەسىلە يوق. ئاساسىي تاختىنىڭ ئۇلاش ئېغىزىدا مەسىلە بار. (2) CMOS دىن ئۇلاش ئېغىزىنىڭ توغرا تەڭشەلگەن ياكى تەڭشەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىدا مەسىلە بولمىسا، قوزغىتىش پروگراممىسىنى تەكشۈرۈڭ. (3) Windows مۇندەرىجىدىكى SYS(SYSTEM)TEM.INI ھۆججىتىنى ئېچىپ (BOOT) دىن كېيىن مائۇسنى قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ ئىسمىنىڭ بار _ يولۇقىنى تەكشۈرۈڭ. (4) مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسىكى كاشىلىلىرىنىڭ %90 سىمنىڭ ئۈزىلىشى، كىرلىشىشى كۇنۇپكىلىرىنىڭ ياخشى تېگىشمەسلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ. (5) مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ چېتىپ قويماسلىق كېرەك. (6) كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس پاكىز تۇرسا كومپيۇتېر چىرايلىق كۆرۈنۈپلا قالماي يەنە ئاسان كاشىلا كۆرۈلمەيدۇ. (7) USB ئۈسكۈنىلەرنى دەرھال ئاجرىتىپ ئۇلاشقا بولسىمۇ، لېكىن PS/2 ئېغىزلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى ئۈزۈپ ئۇلىماسلىق كېرەك. (8) PS/2 ئېغىزلىق كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنى كومپيۇتېر قوزغىتىلغان شارائىتتا ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك. نۇرغۇن ئاساسىي تاختىلارنىڭ PS/2 ئۇلاش ئېغىزى ۋە نۇرغۇن كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسلار (PS/2 ئېغىزلىق) مۇشۇ سەۋەبتىن بۇزىلىدۇ. (9) زاۋۇت تەمىنلىگەن قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مائۇسنىڭ ئىقتىدارىنى ھەقىقىي نامايەن قىلالايسىز.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر