ئاساسىي تاختا قاتتىق دىسكىنى تونۇمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
پروگرامما ئىجرا بولۇۋاتقاندا كومپيۇتېر تۇيۇقسىز ئۆچۈۋالىدۇ. قايتا _ قايتا قوزغاتساممۇ قاتتىق دىسكىدىن «قوزغىتىش مەغلۇب بولدى» دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. CMOS پارامېترلىرى نورمال، قاتتىق دىسكىنى ئاپتوماتىك تونۇش ھالىتىدىمۇ يەنىلا تونىمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟
قاتتىق دىسكا باشقا كومپيۇتېردا نورمال ئىشلىمىسە، ئېنىقكى قاتتىق دىسكىنىڭ كاشىلىسى. ئەگەر نورمال ئىشلىسە ئاساسىي تاختىنىڭ كاشىلىسى، ئاۋۋال ئاساسىي تاختىدىكى IDE ئۇلاش ئېغىزى بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ يىڭنىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاندىن قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر سىمى بىلەن توك مەنبە سىمىنى ئالماشتۇرۇڭ. كاشىلا يەنىلا ئوڭشالمىسا بۇ IDE ئۇلاش ئېغىزىنىڭ توك يولىدىكى كاشىلا بولۇپ، CMOS غا كىرىپ «on Board primary IDE» نى ئېتىۋېتىپ كۆپ ئىقتىدارلىق كارتا بىلەن قاتتىق دىسكىنى سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر سىنىغاندا كاشىلا كۆرۈلمىسە، ئاساسىي تاختىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ چاڭ _ توزانلارنى پاكىز تازىلاڭ، بولۇپمۇ IDE ئۇلاش ئېغىزى ئەتراپىنى پاكىز تازىلاپ، ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، CMOS دىن on Board primary IDE نى ئېچىپ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا نورمال ئىشلەيدۇ.