PCI ئاۋاز كارتىسىنى سەپلىگەندىن كېيىن ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئەگەر PCI ئاۋاز كارتىسى AGP كۆرسىتىش كارتىسىغا يېقىن بولغان PCI قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا PCI ئاۋاز كارتىسىنى AGP كۆرسىتىش كارتىسىدىن يىراق بولغان PCI قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
Windows ئۈستەل يۈزى كۆرۈنۈپلا كومپيۇتېرنىڭ قېتىۋېلىشى.
كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى توغرا قاچىلانمىغان ياكى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەن. بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىپ، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتىدىن قاچىلاڭ.