نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان قاتتىق دىسكىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمىز؟
كومپيۇتېر بىلىملىرى
نۆلىنچى ماگنىت يولىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى لوگىكىلىق بۇزۇلۇش، بۇنداق ئەھۋالدا دىسكىنى سىستېما دىسكىسى قىلىپ قورماتلاپ، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىسىلا ئەسلىگە كېلىدۇ. يەنە بىرى فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا قاتتىق دىسكىنى تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. (1) قاتتىق دىسكا ئەسلىگە كېلىپ نورمال ئىشلەيدۇ. (2) قاتتىق دىسكا تولۇق كاردىن چىقىدۇ. (3) قاتتىق دىسكىنى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىمىغان ئەھۋالدىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.