مېخانىك مائۇس تىك يۆنىلىشتە ھەرىكەلتىنىدۇ. توغرا يۆنىلىشتە ھەرىكەتلەنمەيدۇ.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
مائۇسنى باشقا كومپيۇتېرغا ئۇلاپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر نورمال ئىشلىسە سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۇلاش ئېغىزىدا ياكى سىستېمىدا مەسىلە بار.
نورمال ئىشلىمىسە مائۇس ئىچكى قىسمى بۇزۇلغان، مائۇس قاپقىقىنى ئاجرىتىپ، توك يول تاختىسىدىن چىقىرىپ كۆزەتسىڭىز X ۋە Y يۆنىلىشىدە ئىككى دانە چىشلىق چاقنى كۆرىسىز. چىشلىق چاقنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇر تارقاتقۇچ ۋە نۇر سەزگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، مائۇسنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە ھەرىكەتلەنمەسلىكى X يۆنىلىشتىكى چىشلىق چاقنىڭ ئىككى تەرەپىدىكى نۇر تارقاتقۇچ بىلەن نۇر سەزگۈچ ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا ئەسلىدىكى ئورۇنغا يۆتكەڭ. ئەسلىدىكى ئورۇنغا يۆتكىگەندىن كېيىنمۇ نورمال ئىشلىمىسە Y يۆنىلىشتە نۇر تارقاتقۇچ ياكى نۇر سەزگۈچ بۇزۇلغان. مائۇس ئالماشتۇرۇڭ.