UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرZip قوزغاتقۇچ بىلەن يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچىنىڭ پەرقى

Zip قوزغاتقۇچ بىلەن يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچىنىڭ پەرقى

كومپيۇتېر بىلىملىرى 3.5 دىيۇيملۇق يۇمشاق دىسكىنىڭ سىغىمى 1.44 مىگا بايىت بولۇپ، ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ساقلايدۇ، يۇمشاق دىسكىنىڭ سىغىمى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ سىغىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە Zip قوزغاتقۇچ ۋە Zip دىسكىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، Zip دىسكىنىڭ سىغىمى 120 مىگا بايىت ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بىرى USB ئۇلاش ئېغىزىنىڭ مۇكەممەللىشىشى بىلەن مۇشۇ ئېغىزغا ئۇلىنىدىغان ھەجىمى كىچىك، سىغىمى چوڭ ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى بارلىققا كەلدى، مەسىلەن: بارماق دىسكا، يان دىسكا... قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەجمى كىچىك، سىغىمى چوڭ، ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، كومپيۇتېرغا ئۇلاشمۇ قۇلايلىق بولغاچقا نۆۋەتتە ئاساسلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بولۇپ قالدى. Zip دىسكا ياسىلىپ تېخى ئومۇملىشىپ بولغۇچە USB ئۇلاش ئېغىزلىق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ئۇنىڭدىن تېز ئومۇملىشىپ Zip دىسكىلار ئىشلىتىشتىن قالدى.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
Zip قوزغاتقۇچ بىلەن يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچىنىڭ پەرقى | UyghurWiki | UyghurWiki