UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU)

كومپيۇتېر بىلىملىرى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ _ CPU (Center Processing Unit ) ياكى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ (Micro Processing Unit ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نويمان ئوتتۇرىغا قويغان كومپيۇتېر قۇرۇلمىسىدا قاتتىق دېتال سىسىتېمىسى بەش چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ھېسابلىغۇچ، كونتروللىغۇچ، ئىچكى _ تاشقى ساقلاش ئۈسكۈنىسى، كىرگۈزۈش _ چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن ئىبارەت. ھېسابلىغۇچ بىلەن كونتروللىغۇچ بىرلەشتۈرۈلۈپ CPU بولىدۇ. دېمەك CPU بولسا ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا ئوخشاش، كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇپ، ئارفمىتىكىلىق، لوگىكىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان، بۇيرۇققا نىسبەتەن ئانالىز ئېلىپ بېرىپ ھەرخىل مەشغۇلات، كونترول ئۇچۇرلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان ئۆزەك. كومپيۇتېرغا سەپلەنگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تىپى كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر بازارلاردا P4 تىپىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرقى مىكرو كومپيۇتېرلارنىڭ CPU بىر نەچچە دەرىجىلىك بوففىر ساقلىغۇچ قوشۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولىدىن ئىبارەت. مەركىزىي بىر تەپ قىلغۇچنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئاساسەن، ئىچكى ھېسابلىغۇچ قۇرۇلمىسى، بىت سانى، ساقلاش، ئوقۇش ئىقتىدارى، چاستوتىسى قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىن بەلگىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي تاختا ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماسلىشىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە دۇنيادا PC كومپيۇتېرلانىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردىن ئاساسلىقى IDT, SGS_Thomson, TI, Cyrix/IBM, AMD, Itel قاتارلىقلار بار. Intel شىركىتى 1968 _ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت، كۈچلۈك ئەمەلىي تېخنىكا كۈچىگە ئىگە. ئاساسلىق مەھسۇلاتلاردىن _ ئەڭ دەسلەپكى 8088، 8086 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچدىن PI, PII, PIII, P4 گىچە بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى، يەنە ئاساسىي تاختىنىڭ ئۈزەكلەر گۇرۇپپىسى، تور كارتىسى ... قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بار. Advancek Micro Devices )AMD ) ئالىي دەرىجىلىك مىكرو ئۈسكۈنىلەر شىركىتى. 1969 _ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شەخسلەر كومپيۇتېرى ۋە تور خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان تول يوللىرىنى مەخسۇس ياسايدىغان شىركەت. AMD شىركىتى دۇنيادىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ياسايدىغان ئىككىنچى چوڭ شىركەت. AMD شىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، يەن ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى، ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى قاتارلىق داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار. Cyrix شىركىتى دۇنيادا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ياسايدىغان ئۈچىنچى چوڭ شىركەت. بۇ شىركەت 1988 _ يىلى قۇرۇلغان. 1994 _ يىلدىن باشلاپ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى، توك تېجەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ھازىر Cyrix شىركىتى VIA شىركىتى بىلەن بىرلەشتى. CPU نىڭ بىر نەچچە خىل تېخنىكىلىق پارامېترى تۆۋەندىكىچە: (1) سانلىق مەلۇمات باش لىنىيە كەڭلىكى: سانلىق مەلۇمات باش لىنىيە كەڭلىكى بولسا CPU نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە يوللايدىغان سانلىق مەلۇماتىنىڭ بىت سانىنى كۆرسىتىدۇ. بىت سانى قانچە چوڭ بولسا، تېزلىكى شۇنچە تېز، CPU نىڭ ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. CPU نىڭ سانلىق مەلۇمات باش لىنىيە كەڭلىكى دەسلەپكى سەككىز بىتتىن ھازىرقى 64 بىتقا تەرەققىي قىلدى. (2) ئادرېس باش لىنىيە كەڭلىكى: ئادرېس باش لىنىيە كەڭلىكى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكىنى بىۋاستە ئىزدەشنى بەلگىلەيدۇ، بىت سانى قانچە چوڭ بولسا، بىۋاستە ئىزدەيدىغان بوشلۇقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن: سەككىز بىتلىق ئادرېس باش لىنىيە كەڭلىكى 4GB لىق بوشلۇقنى بىۋاستە ئىزدەيدۇ. نۆۋەتتە ئادرېس باش لىنىيە كەڭلىكى سەككىز بىتتىن 64 بىتكە تەرەققىي قىلدى. (3) ئاساسىي چاستوتا: ئاساساىي چاستوتا CPU خىزمەت چاستوتىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مەلۇم دەۋرىي ۋاقىتتا CPU نىڭ ئىجرا قىلىدىغان بۇيرۇق سانى تۇراقلىق بولىدۇ. شۇڭا ئاساسىي چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا، CPU نىڭ تېزلىكىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ( ئاساسىي چاستوتا _ سىرتقى چاستوتا × ھەسسىلىك چاستوتا) ئادەتتە بىز دەۋاتقان P4 2.4GHzلىق CPU نىڭ خىزمەت چاستوتى 2.4GHz بولىدۇ. (4) سىرتقى چاستوتا: سىرتقى چاستوتا CPU نىڭ ئەسلى چاستوتىسىنى كۆرسىتىدۇ. CPU نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سىرتقى چاستوتىلىرىدىن 66MHz, 100MHz, 133MHz, 266MHz, 333MHz, 533MHz, 800MHz قاتارلىقلار بار. CPU سىرتقى چاستوتا بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ سىرتقى چاستوتى چوقۇم ماسلىشىشى كېرەك. (5) ھەسسىلىك چاستوتا: CPU نىڭ سىرتقى چاستوتا بىلەن ئاساسىي چاستوتا پەرقىنىڭ ھەسىلىك سانىدىن ئىبارەت. مەسىلەن:+ AMD Athlon XP 2000 بولغان CPU نىڭ سىرتقى چاستوتى 133MHz بولۇپ، ھەسسىلىك چاستوتىسى 12.5 بولىدۇ. 1.66GHz = 12.5×133MHz (6) ئۇلاش ئېغىزى: ئۇلاش ئېغىزى CPU نىڭ ئاساسىي تاختىنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل بولۇپ، بىرى Slot شەكىلدە (ھازىر ئەمەلدىن قالدى) يەنە بىرى SOCKET (7) بوففېر ساقلىغۇچ: يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ساقلىغۇچ بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن CPU ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. شۇڭا بوففېر ساقلىغۇچنىڭ سۈرئىتى ئالاھىدە تېز بولغاچقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. بوففېر ساقلىغۇچ ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، L1 بوففېر ساقلىغۇچتىن ئىبارەت. ئىچكى بوففېر ساقلىغۇچ CPU نىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سىغىمى CPU نىڭ ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىرتقى ساقلىغۇچ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە سىغىمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. (8) كۆپ ۋاستە بۇيرۇق توپى: كومپيۇتېرنىڭ كۆپ ۋاستە، 3D سۈرەت ... جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن CPU غا قوللىنىلغان بۇيرۇق توپىدىن ئىبارەت. كۆپ قوللىنىلىدىغان توپىدىن Intel شىركىتىنىڭ SSE, MMX, AMD شىركىتىنىڭ !3D NOW قاتارلىقلار بار. (9) ياساش تېخنىكىسى: ئەڭ دەسلەپكى CPU لارغا 0.5 مىكرو مېترلىق ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. CPU چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ بۇ تېخنىكا ئېھتىياجدىن چىقالمىغان بولغاچقا 0.35، 0.25، 0.13 مىكرو مېترلىق ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلماقتا. ياساش تېخنىكىسىنىڭ كىچىكلىشى توپلاشتۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىبارەت. قوللانغان ياساش تېخنىكىسى قانچە كىچىك بولسا، توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكترون دېتاللىرى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. (10) توك بېسىمى: CPU توك بېسىمى CPU نىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان توك بېسىمى بولۇپ، ئۇ ياساش تېخنىكىسى بىلەن توپلاشتۇرۇلغان ئېلېكترون دېتاللىرىنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. توك بېسىمى قانچە تۆۋەن بولسا، توك سەرپىياتى شۇنچە تۆۋەن بولۇپ ئاسان، قىزىپ كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر