UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرتور سىمىنى ياساش ۋە ئۇلاش ئۇسۇللىرى.

تور سىمىنى ياساش ۋە ئۇلاش ئۇسۇللىرى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى نۆۋەتتە تار دائىرىلىك تورلاردا كۆپىنچە، 5 - خىلدىكى (五类) تۈرىدىكى تور سىمى ئىشلىتىلىدۇ. تور سىمى ئىچىگە سەككىز خىل رەڭدىكى ئىنچىكە سىم ئۆز ئارا ئالماشقان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ سىملارنى مەلۇم قانۇنىيەتتە تىزىپ، كرىستال باشنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تور سىمى ياساش ئامبۇرى ئارقىلىق چىڭىتىلىپ ياسىلىدۇ. سىملارنىڭ كرىستال باش ئىچىدىكى تەرتىپىنىڭ قانۇنىيىتى ئىككى خىل. بىرى: T _ 568A تەرتىپى 1_ يېشىل بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 2_ يېشىل سىم. 3_ قىزغۇچ سېرىق بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 4_ كۆك رەڭلىك سىم. 5_ كۆك بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 6_ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىم. 7_ قوڭۇر بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 8_ قوڭۇر سىم. يەنە بىر T _ 568B تەرتىپى: 1_ قىزغۇچ سېرىق بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 2_ قىزغۇچ سېرىق سىم. 3_ يېشىل بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 4_ كۆك سىم. 5_ كۆك بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 6_ يېشىل سىم. 7_ قوڭۇر بىلەن ئاق ئارىلاش سىم. 8_ قوڭۇر سىم. تور سىمىنىڭ ئىككى ئۇچى T _ 568B ئۆلچىمىدە ئۇلانسا، بىۋاستە ئۇلىنىش دېيىلىدۇ. تور سىمىنىڭ بىر ئۇچى T _ 568B دا يەنە بىر ئۇچى T _ 568A ئۆلچىمىدە ئۇلانغان بولسا، كېسىشكەن ئۇلىنىش دېيىلىدۇ. ئوخشاش تور ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇلاشتا كېسىشكەن ئۇلىنىش شەكلى ئىشلىتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تور ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇلاشتا بىۋاستە ئۇلىنىش شەكلى ئىشلىتىلىدۇ. PC _ PC كېسىشكەن ئۇلىنىش شەكلى. PC _ HUB بىۋاستە ئۇلىنىش شەكلى. HUB_ HUB كېسىشكەن ئۇلىنىش شەكلى. HUB _ SWITCH كېسىشكەن ئۇلىنىش شەكلى. SWITCH _ ROUTER بىۋاستە ئۇلىنىش شەكلى. ROUTER _ ROUTER كېسىشكەن ئۇلىنىش شەكلى. (ئىزاھات: PC _ كومپيۇتېر، HUB_ تور سىمى توپلاشتۇرغۇچ، SWITCH _ ئالماشتۇرغۇچ، ROUTER _ يول تاللىغۇچ.)
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
تور سىمىنى ياساش ۋە ئۇلاش ئۇسۇللىرى. | UyghurWiki | UyghurWiki