WindowsXP قوزغىلىشىدىن بۇرۇن F8 نى باسقاندىكى تىزىملىكلەرنىڭ مەنىسى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1) 安全模式: بىخەتەر ھالەتتە سىستېما ھۆججەت ۋە قوزغىتىش پروگراممىلىرى ئارقىلىق قوزغىلىدۇ. سىستېمىغا نىسبەتەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزۈتىش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
2) 网络安全模式: بىخەتەر ھالەت بىلەن ئوخشاش، بىراق تورغا ئۇلاشقا بولىدۇ. قىسمىي تور بولسا توردىكى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تۈزۈتىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.
3) 命令提示符的安全模式: بىخەتەر ھالەت بىلەن ئوخشاش، تولۇق قوزغالغاندىن كېيىن DOS مەشغۇلاتىغا ئوخشاش بۇيرۇق ھالىتىدە تۇرىدۇ.
4) 启用启动日志: WindowsXP قوزغالغاندا سىستېما قوزغىتىش پروگراممىسى ۋە مۇلازىمەتنى خاتىرىلەيدۇ، بۇ ھۆججەت ئىسمى ntbtlog.txt بولۇپ، Windir مۇندەرىجىسىدە بولىدۇ. بۇ ھالەتتە قوزغالغاندا شۇ ھۆججەت ئارقىلىق سىستېمىسىنىڭ قوزغالغاندىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
5) 启用VGA模式 : كۆرسىتىش كارتىسىنى نورمال تونۇمىغاندا ياكى كۆرسىتىش كارتىسى خاتا تەڭشەش سەۋەبىدىن قوزغالمىغاندا قوزغىتىش شەكلى.
6) 最近一次的正确配置: بۇ خىل ھالەتتە قوزغىتىپ، يېڭىدىن سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ياكى قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى ھەل قىلىدۇ.
7) 目录服务恢复模式: بۇ خىل ھالەتتە WindowsXP نىڭ كەسپىي نەشردە ئىشلىمەيدۇ، مۇلازىمېتر نەشرگە خاس.
8) 调试模式: بۇ خىل ھالەتتە قوزغالغاندا ئۇچۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا باشقا كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ