BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
BIOS دەرىجىسىنى يۇقىر كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋال چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ بار _ يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، يۇقىرى كۆتۈرۈش زۆرۈر بولسا، كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن ئېھتىيات بىلەن مەشغۇلات قىلىش كېرەك، ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
1. ئاۋۋال BIOS نىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، يەنى ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ BIOS دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك، ئاساسىي تاختىنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى بولمىسا ياكى بۇ ھەقتە بايانلار بولمىسا، ئاساسىي تاختىدىكى BIOS ئۆزەك پلاستىنكىسىنىڭ ئۈستىدىكى بىر قاتار سانلارنىڭ ئارىسىدا 28 ياكى 29 نىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ، ئەگەر بۇ سانلار بولسا BIOS نىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
2. BIOS قا نىسبەتەن يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەييارلاش.ئوخشاش بولمىغان BIOS لارغا نىسبەتەن يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئوخشىمايدۇ. AWARD FLASH, AMIFLASH يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئايرىم _ ئايرىم BIOS AMI, AWARD غا نىسبەتەن يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ھەم يېڭى نەشىردىكى BIOS پروگراممىسىنىمۇ تەييارلاڭ.
3. يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانغاندىن كېيىن BIOS قا نىسبەتەن يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئاساسىي تاختىدىكى Flash rom نىڭ سىم ئاتلاتقۇچىنى Enable ياكى Write ھالەتكە تەڭشەڭ.
2. CMOS دىن كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپىنى يۇمشاق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ.
3. كومپيۇتېرنى يۇمشاق دىسكا ئارقىلىق قوزغىتىڭ.
4. Awar BIOS نى مىسال قىلساق: يۇمشاق دىسكىدىن Awarflash. exe نى ئىجرا قىلسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.
ھەم يېڭى BIOS نىڭ سانلىق مەلۇمات ھۆججىتىنىڭ نامىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەم كونا BIOS ھۆججىتىنى ساقلاش ياكى ساقلىماسلىقنى سورايدۇ، بۇنىڭدىن Yes نى باسقاندىن كېيىن يېزىشنى باشلايدۇ، يېزىش مەشغۇلاتى تاماملانغاندىن كېيىن Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.