UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

ھۆججەت قىسقۇچنى ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

كومپيۇتېر بىلىملىرى بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى بىر قىسىم پروگراممىلار ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ياكى قاتتىق دىسكىدا خاتالىق كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن ئۆچۈرگىلى بولمىغان. دىسكىنى تەكشۈرۈڭ ھەم خاتالىق بولسا تۈزىتىڭ، كومپيۇتېرنى بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىپ ئۆچۈرۈڭ. ئادەتتە Windows98/ me دىكى كاشىلىلار نورمال قوزغالماسلىق،قېتىۋېلىش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ياخشى ماسلاشماسلىق قاتارلىقلار بولۇپ بۇ خىلدىكى كاشىلىلارنى تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئانالىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. (1) ۋىرۇس تازىلاش مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش. مەشغۇلات سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە ئاۋۋال ۋىرۇس تازىلاپ كۆرۈڭ. (2) سىستېمىنى تەڭشەش. ئاۋۋال 系统设置实用程序 دىن زۆرۈر بولمىغان پروگراممىلارنى چىقىرىۋېتىڭ. ئاندىن كونترول تاختىسىدىن ئېكران، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قاتارلىقلارنىڭ خاسلىتىدىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىڭ. (3) بەزى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش سەۋەبىدىن سىستېما نورمال ئىشلىمىسە، شۇ يۇمشاق دېتالنى تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىڭ. قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئەھۋالدىمۇ نورمال ئىشلىمەسلىك ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق نەشردىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ. (4) مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاڭ. ئاۋۋال قاپلاش شەكلىدە قاچىلاڭ. يەنىلا قاملاشمىسا فورماتلاپ قاچىلاڭ. ئەڭ ياخشى سىستېما نورمال ۋاقتىدا Ghost ئارقىلىق زاپاس تۇرغۇزۇۋېلىپ مەسىلە كۆرۈلمىسە Ghost ئارقىلىق تېزلا ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر