UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېركومپيۇتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا تۇيۇقسىز توك كەتسە كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقىلى بولمايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قاتتىق دېتاللىرىنى ئاجرىتىپ قايتا قۇرۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قوزغىلىدۇ. قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش جەريانىدا تۇيۇقسىز توك كەتسە كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقىلى بولمايدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى قاتتىق دېتاللىرىنى ئاجرىتىپ قايتا قۇرۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قوزغىلىدۇ. قانداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ BIOS دىن Power Management Sstup توردىن AC/powerloss Restore on تۈرنى تاللايمىز. بۇنىڭدىن off, Laststatus, power قاتارلىق ئۈچ تاللاش بار. بۇنىڭدا power تۈرنى تاللىغاندا يۇقىرىقى ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بۇ تۈرنىڭ كەمچىلىكى توك كېتىپ قايتا كەلگەندە كومپيۇتېر ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ. 2. ئاساسىي تاختىدىكى CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرىدىغان سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق CMOS ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا ئەكىلىپ قايتا قوزغاتقاندىمۇ يۇقىرىقى مەسىلە ھەل بولىدۇ. بەزىدە توك مەنبە سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىنمۇ يۇقىرىقىدەك كاشىلا پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا سۈپىتى ياخشى توك مەنبە ئالماشتۇرۇش كېرەك. _ P4 ئاساسىي تاختىلارغا AGP2X/IX كۆرسىتىش كارتىسىنى ئورنىتىشقا بولمايدۇ. چوقۇم AGP4X كۆرسىتىش كارتىسىنى كارتىسىنىڭ توك بېسىمى AGP4X, 3.3V كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ توك بېسىمى 1.5V بولۇپ P4 ئاساسىي تاختىغا AGP2X/IX كۆرسىتىش كارتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئاساسىي تاختا كۆيۈپ كېتىدۇ. Celeron4 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ P4 تۈرىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) غا تەۋە.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر