UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرDOS دا Windows2000 نى قاچىلاشقا بولامدۇ؟

DOS دا Windows2000 نى قاچىلاشقا بولامدۇ؟

كومپيۇتېر بىلىملىرى Windows2000 نى قاچىلاش Windows 95/98 غا قارىغاندا مۇرەككەپرەك بولۇپ، تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك. 1. Windows 98 نىڭ قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، DOS ھالىتىگە كىرىڭ. 2. DOS ھالىتىدە Windows مۇندەرىجىسىگە كىرىپ Smartdrv نى ئىجرا قىلىڭ. C:/cd windows C:/windows>Smart drv Smart drv بۇيرۇقى قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش، يېزىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغان بۇيرۇق بولۇپ، ئەگەر بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋەتمىسىڭىز Windows2000 نى قاچىلاش بەك ئاستا بولىدۇ. 3. Windows2000 نىڭ قاچىلاش ئوپتىك دىسكىسىنى دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىپ، i386 مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، Winnt بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلسىڭىز، Windows2000 قاچىلىنىشقا باشلايدۇ. Winnt.exe بولسا Windows2000 نىڭ DOS دىكى قاچىلاش پروگراممىسى، Winnt32.exe بولسا Windows2000 نىڭ Windows 95/98 دىكى قاچىلاش پروگراممىسى.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر