UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرSetup بۇيرۇقىنىڭ پارامېترلىرى

Setup بۇيرۇقىنىڭ پارامېترلىرى

كومپيۇتېر بىلىملىرى «؟/» قاچىلاش ياردەم ئۇچۇرى. «c/» Smartdrive نى قاچىلاشنى چەكلەيدۇ. «d/ » قاچىلاشنى باشلىغاندا ئەسلىدىكى Windows نەشرنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ. « f/ » قاچىلاش پروگراممىسى بۇففېر ساقلىغۇچتىن ھۆججەت نامىنى ئىزدەشنى توسىدۇ. «id / » كېرەكلىك دىسكا بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشنى چەكلەيدۇ. « ih / » Scanisk نى ئىجرا قىلىپ دىسكىنى تەكشۈرىدۇ. «im / » ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈشنى چەكلەيدۇ. «in / » توردا قاچىلاشنى چەكلەيدۇ. «iq / » DOS ھالىتىدە Windows98 نى قاچىلىغاندا، قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈشنى چەكلەيدۇ. «ir / » يېتەكلەش خاتىرىسى (MBR) نىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرىلىتىشنى چەكلەيدۇ. «is / » Windows دا تۇرۇپ، Windows98 نى قاچىلىغاندا دىسكا تەكشۈرۈشنى چەكلەيدۇ. «nf / » يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ A دىن يۇمشاق دىسكىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشنى چەكلەيدۇ. «nr / » تىزىملاش جەدۋىلىنى تەكشۈرۈشنى چەكلەيدۇ. «T:tmpdir / » tmpdir مۇندەرىجىنى بارلىق ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ساقلىنىدىغان مۇندەرىجە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر
Setup بۇيرۇقىنىڭ پارامېترلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki