ئەسلىدە
كومپيۇتېر بىلىملىرى
ئوخشاشمىغان ماركا، ئوخشاشمىغان ئۆلچەمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچلارنى بىرگە ئىشلەتكەندە ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىرگە ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا BIOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ خىزمەت ھالىتىنى، ئۆلچىمى تۆۋەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ خىزمەت ھالىتى بىلەن ئوخشاش تەڭشەڭ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سىز سېتىۋالغان ئىچكى ساقلىغۇچ تاق يۈزلۈك بولسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. چۈنكى كونا ئاساسىي تاختىلار توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئىچكى ساقلىغۇچلارنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، يەنى تاق يۈزلۈك 256MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچنى 128MB دەپ تونۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىكى 384MB ئىچكى ساقلىغۇچنى 256MB دەپ تونىغان.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن BIOS نەشرىنى يېڭىلاڭ، ئەھۋال يەنىلا ئۆزگەرمىسە ياخشىسى قوش يۈزلۈك 256MB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىسىڭىز مەسىلە ھەل بولىدۇ.
memory test fail ئۇچۇرىنىڭ چىقىشى.
ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈش مەغلۇپ بولغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلاشمىغانلىقى ياكى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئۈزىدە كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى كەسپىي رېمونتخانىدا رېمونت قىلدۇرۇڭ.