UyghurWiki
UyghurWikiكومپيۇتېرئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ چىقىشى.

ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا نىسبەتەن مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا، خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ چىقىشى.

كومپيۇتېر بىلىملىرى 1. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلانمىغان، خاتا قاچىلانغان ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، قايتا قاچىلاڭ. 2. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس ياكى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن كونىرىغان. 3. دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئوپتىك دىسكىنى قىسىشى نورمال بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئوپتىك دىسكىنىڭ ئايلىنىشىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن. كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولغان شارائىتتا، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ مېخانىك قىسمىدا قىسمەن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىك سەۋەبىدىن دىسكىنى نورمال ئوقۇمىغان ھەم خاتالىق ئۇچۇرى چىققان. 4. لازىر نۇر بېشى چاڭ _ توزان قاپلاپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان چاڭ _ توزاننى تازىلاپ چىقىرىۋېتىڭ. 5. توك مەنبەنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدىمۇ خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈلىدۇ. قۇۋۋىتى يۇقىرى توك مەنبە ئالماشتۇرۇڭ. 6. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ بوففېر ساقلىغۇچى بەك كىچىك بولغان ئەھۋالدىمۇ خاتالىق ئۇچۇرى ئاسان كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ بوففېر ساقلىغۇچى 256kB دىن يۇقىرى بولغىنى ياخشى. 7. ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئورۇنلىرىدا كاشىلا كۆرۈلگەن، بۇنداق ئەھۋالدا كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىڭ.
← بارلىق تېمىلار كومپيۇتېر