UyghurWiki›كومپيۇتېر›كىچىك پروگراممىلارنى ئىجرا قىلغاندىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمەسلىكى ئۇچۇرىنىڭ چىقىشى
كىچىك پروگراممىلارنى ئىجرا قىلغاندىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمەسلىكى ئۇچۇرىنىڭ چىقىشى
كومپيۇتېر بىلىملىرى
مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە پروگراممىلار ئىجرا بولغاندا، چوڭ سىغىمدىكى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېرغا سەپلەنگەن ئەن ئىچكى ساقلىغۇچ بۇ تەلەپكە يەتمەيدۇ. شۇڭا مەشغۇلات سىستېمىسى قاتتىق دىسكىدا مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى قۇرىدۇ. ئەگەر قاتتىق دىسكىدا يېتەرلىك بوش ئورۇن بولمىسا يۇقىرىقىدەك ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. شۇڭا قاتتىق دىسكىدا يېتەرلىك بوش ئورۇن ھازىرلىسىڭىز كاشىلا يوقايدۇ.