قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ
كومپيۇتېر بىلىملىرى
قاتتىق دىسكا ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كومپيۇتېر سىستېمىسىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. قاتتىق دىسكا ماگنىتلىق ئۈسكۈنە بولغاچقا، ئۆمرى ۋە مۇقىملىق جەھەتتە ئىچكى ساقلىغۇچقا ئوخشاش ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىگە يەتمەيدۇ. شۇڭا قاتتىق دىسكىدا كاشىلا كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس. تۆۋەندە قاتتىق دىسكىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بىلىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ:
1. ماگنىت باش: قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ يېزىش ۋە ئوقۇش جەريانى ماگنىت باش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇرۇنقى قاتتىق دىسكىنىڭ ماگنىت بېشىغا MR ماگنىت باش ئىشلىتىلگەن. 2001 _ يىلدىن باشلاپ GMR ماگنىت باش ئىشلىتىلگەن. ھازىرقى قاتتىق دىسكا ماگنىت بېشىغا ئۈچىنچى ئەۋلاد ماگنىت باش قوللىنىلغان.
2. ئۇلاش ئېغىزى: قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلاش ئېغىزى قاتتىق دىسكىنىڭ مۇھىم بولغان تېخنىكىلىك كۆرسەتكۈچى. يەنە ئۇلاش ئېغىزى قاتتىق دىسكىنىڭ ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ، ھازىرقى كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى IDE ئۇلاش ئېغىزى ۋە SCSI ئۇلاش ئېغىزىدىن ئىبارەت، ئىككى خىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆچمە قاتتىق دىسكىغا PCMCIA ياكى USB ئۇلاش ئېغىزى قوللىنىلغان، ھازىر يەنە SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىلار ئومۇلاشماقتا.
3. بوففېر سالىغۇچ: CPU نىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇپ يېزىش سۈرئىتى ئوتتۇرىسىدا زور دەرىجىدە پەرق بولغاچقا، قاتتىق دىسكا سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇغاندا CPU ساقلاپ تۇرماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق دىسكىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك بوففېر ساقلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان. قاتتىق دىسكىدىكى بوففېر ساقلىغۇچ ئاساسي تاختىدىكى بوففېر ساقلىغۇچقا ئوخشاش بولۇپ، قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش يېزىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بوففېر ساقلىغۇچ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى، ھازىرقى قاتتىق دىسكىنىڭ بوففېر ساقلىغۇچنى 512KB _ 8MB ئەتراپىدا SCSI ئۇلاش ئېغىزى قاتتىق دىسكىنىڭ بوففېر ساقلىغۇچى 16MB دىن يۇقىرى.
4. ئايلىنىش سۈرئىتى: قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى قاتتىق دىسكا ئېلېكتر موتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىرلىكى RPM(Round per Minute ). ئۇ قاتتىق دىسكىنىڭ سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتە ئايلىنىش سۈرئىتى قانچە يۇقىرى بولسا، سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر IDE قاتتىق دىسكىنىڭ مىنۇتلۇق ئايلىنىش سۈرئىتى، RPM5400_7200 گىچە. SCSI ئۇلاش ئېغىزى قاتتىق دىسكىنىڭ 15000_1000RPM.
5. ئوتتۇرىچە ئادرېس ئىزدەش ۋاقتى.
بۇ ماگنىت باش بۇيرۇقنى تاپشۇرۋېلىپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ساقلانغان ماگنىت يولىنى تاپقۇچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قاتتىق دىسكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلىكى (مىللى سېكۇنت)ms, ئوتتۇرىچە ئادرېس ئىزدەش ۋاقتى بىلەن ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئوتتۇرىچە ئىزدەش ۋاقتى قانچە كىچىك بولسا، شۇنچە ياخشى.
6. ئىچكى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى.
ئىچكى سانلىق مەلۇمات سۈرئىتى _ ماگنىت باش بىلەن دىسكىنىڭ بوففېر ساقلىغۇچ ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پۈتكۈل ئىقتىدارغا نىسبەتەن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بىرلىكى (مىگا بايت ھەر سېكۇنت)MB/s.
سىرتقى سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى
بۇ قاتتىق دىسكىنىڭ بوففېر ساقلىغۇچىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلاش ئېغىزىغا بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىرلىكى (مىگا بايت ھەر سېكۇنت) UItra ATA/100, MB/s قاتتىق دىسكىنىڭ سىرتقى ئۇچۇر يەتكۈزۈش سۈرئىتى 100MB/s.
8. كاشىلىسىز ۋاقتى. MTBF بۇ قاتتىق دىسكا قوزغالغاندىن باشلاپ كاشىلا كۆرۈلگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، بىرلىكى سائەت. ئادەتتە قاتتىق دىسكىنىڭ MTBF قىممىتى 3000~ 4000 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ.