كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ( Floppy disk (S ) FAIL (40 ئۇچۇرنىڭ چىقىشى.
كومپيۇتېر بىلىملىرى
1. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئۇچۇر سىمى ياكى توك مەنبە سىمى ئۇلانمىغان ياكى ياخشى تۇتاشمىغان، تەكشۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇپ ئۇلاڭ.
2. BIOSدىن يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ توغرا تەڭشەلمىگەن ياكى يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ سەپلەنگەن بولسىمۇ BIOSدىن ئېچىلمىغان.
3. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ئۆزى بۇزۇلغان.
يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچتىن خۇلاسە
يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ چوقۇم ئاسراشقا تېگىشلىك ئۈسكۈنە بولۇپ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. چاڭ _ توزاندىن ساقلىنىش، تازىلاش دىسكىسى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇش.
2. نەملىكتىن، كۈچلۈك ماگنىتتىن ساقلىنىش، بۇزۇلغان يۇمشاق دىسكىلارنى سالماسلىق.
3. يۇمشاق دىسكىنى ئىشلەتمىگەندە تىك ھالەتتە قويۇش. يۇمشاق دىسكىنى ئۇزۇن مەزگىل يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدە قويماسلىق.
4. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ يۇمشاق دىسكىغا نىسبەتەن ئوقۇپ _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا (يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ چىرىغى يورۇق ھالەتتە) يۇمشاق دىسكىنى ئېلىپ سالماسلىق.
5. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ نورمال ئىشلىمىگەن ئەھۋالدا تەكرار مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىق.
6. كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش مۇھىتى پاكىز، چاڭ _ توزان بولماسلىق.
يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ۋە يۇمشاق دىسكىنى ئاسراش.
1. يۇمشاق دىسكا سېتىۋالغاندا ئامال بار سۈپىتى ياخشىنى سېتىۋېلىڭ.
2. يۇمشاق دىسكىنى يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ ئىچىدە ئۇزۇن قويماڭ. يۇمشاق دىسكىنى يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچتىن چىقىرىۋالغاندىن كېيىن ئامال بار تىك ھالەتتە قويۇپ ساقلاڭ.
3. يۇمشاق دىسكىنى نەملىك، ماگنىتتىن ساقلاڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ ماگنىت بېشىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ يۇمشاق دىسكىغا نىسبەتەن ئوقۇش _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلپ بېرىۋاتقاندا (يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ چىرىغى يورۇق شارائىتتا) يۇمشاق دىسكىنى ئالماڭ ھەم سالماڭ.
5. نورمال ئىشلىمەيدىغان يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچتا مەشغۇلات ئېلىپ بارغان يۇمشاق دىسكىنى نورمال ئىشلەيدىغان يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچتا ئىشلەتمەڭ.
6. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنى قەرەللىك ھالدا تازىلاپ تۇرۇڭ.
7. يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچنىڭ سىلكىنىشىدىن ساقلىنىڭ.